شىۋېتسىيەدە چوڭ كوچىدىن پارتلاتقۇچ قاچىلانغان قۇتا تېپىلدى

شىۋېتسىيەنىڭ گوتبورگ شەھىرىدە كوچىدا بايقالغان گۇمانلىق قۇتىنىڭ ئىچىدىن پارتلاتقۇچ چىقتى.

1109248
شىۋېتسىيەدە چوڭ كوچىدىن پارتلاتقۇچ قاچىلانغان قۇتا تېپىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، شەھەر مەركىزىدىكى جوھاننىسبۇرگ مەھەللىسىدىن تېپىلغان گۇمانلىق قۇتا سەۋەبىدىن رايوندا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان.

بومبا پاچاقلاش مۇتەخەسسىسىلىرى قۇتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كونترول قىلغان ھالدا پارتلاتقان.

گوتبورگ ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى توماس فۇكسبورگ قۇتىدا پارتلاتقۇچ ماددا بايقالغانلىقىنى ۋە ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلانغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر