كانادا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تۈزگەن كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترىدېئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تۈزگەن جەمئىي 13 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن يول ئىزدەۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1109037
كانادا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تۈزگەن كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترىدېئۇ  س ت ۋ (CTV) تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تۈزۈلگەن قورال سېتىپ بېرىش كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن يول ئىزدەۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ كېلىشىم شەرتلىرىنىڭ كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ياكى شەرتلىرىگە خىلاپلىق قىلغان تەرەپكە ئېغىر جاۋابكارلىقنىڭ ئارتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ ئەسلىھەلەرنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئېكسپورت قىلماسلىق يولىنىڭ بار-يوقلۇقىنى تېپىش ئۈچۈن، ئېكسپورت رۇخسىتى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ 23-ئۆكتەبىر سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن زور غۇلغۇلا قوزغىغان قورال سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ھەققىدە توختالغاندا، مەزكۇر كېلىشىمنى توڭلىتىپ قويالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۈگۈنگىچە ھېچقانداق ئەمەلىي قەدەم باسمىغان ئىدى.

كېلىشىمگە ئاساسلانغاندا، كانادا كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئەھۋالدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا 1 مىليارد دوللار تۆلەم تۆلىشى كېرەك ئىكەن. شۇڭا، كانادا ھۆكۈمىتى بۇ تۆلەمنى تۆلىمەسلىك ئۈچۈن يول ئىزدىمەكتە ئىكەن.

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترىدېئۇ فېدېراتسىيە پارلامېنتى ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىپ بېرىش تەنقىدىگە دۇچ كەلمەكتە.

كانادا 2014-يىلى سابىق باش مىنىستىر ستېفىن جوسېف ھارپېرنىڭ ۋاقتىدا، ئونتارىيو ئىشتاتىدىكى «General Dynamics Land Systems» ئىشلەپچىقارغان «LAV» تىپلىق ھەربىي ئاپتوموبىللارغا خېرىدار بولغان سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن 928 ئاپتوموبىل سېتىش-سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىدى. بىراق، 2015-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن جاستىن ترىدېئۇ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن توختىتىپ قويۇلغان ئىدى. كانادا جەمئىيىتىدە كەڭ تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولغان مەزكۇر ۋەقە، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستېفىن دىيوننىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن قايتا تەستىقلىنىپ، كېلىشىم ئەمەلىيلەشكەن ئىدى.

مەزكۇر كېلىشىمدە، كانادا سەئۇدى ئەرەبىستانغا 928 دانە «LAV-6» تىپلىق «يىنىك قوراللار» سەپلەنگەن ئاپتوموبىل ساتىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. بۇ ئاپتوموبىللاردىن 354 دانىسىنىڭ ئۆلچەملىك ئەسكەر توشۇيدىغان ئاپتوموبىل ئىكەنلىكى، 119 دانىسىنىڭ ئېغىر ھۇجۇم خاراكتېرلىك «LAV-6» شەكلىدە ياسالغانلىقى ۋە بۇ ئاپتوموبىللارنىڭ كوزۇپىغا ئوت كۈچى كۈچلۈك 105 مىللىمېتىرلىق توپلارنىڭ ئورنىتىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى. كېلىشىم دائىرىسىدە، «LAV-6» ئاپتوموبىللارنىڭ 119 دانىسىنىڭ تانكا ئاتار ئاپتوموبىلى سۈپىتىدە ياسالغانلىقى، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكى 119 ئاپتوموبىلغا 30 مىللىمېتىرلىق مىلتىق ئورنىتىلغانلىقى ۋە بىۋاستە زەربە بېرەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكى، قالغان باشقا ئاپتوموبىللار ئارىسىدا قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى، قوماندانلىق قىلىش ۋە خادىملارنى توشۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر