كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى گىرېتسىيەنى ئەيىبلىدى

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى گىرېتسىيەنىڭ كۆچمەنلەرگە تۇتقان قوپال پوزىتسىيەسىنى ئەيىبلىدى.

1109183
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى گىرېتسىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەرىچ دەرياسى بويىدىكى كۆچمەنلەرنى تۈركىيەگە قايتىشقا قىستىغانلىقىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، گىرېتسىيە دائىرىلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى بۇ ئەھۋال ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «گىرېتسىيە ساقچىلىرى كۆچمەنلەرنى قايتىشقا قىستىماقتا، بەزىدە ساقچىلار كۆچمەنلەرگە قاتتىق قوللۇق قىلىدىكەن، ھەتتا كۆچمەنلەرنىڭ يۈك تاقىلىرىنىمۇ چېچىۋېتىدىكەن.»

ھەم تۈركىيەدە ھەمدە گىرېتسىيەدە كۆچمەنلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا يەنە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى: «گىرېتسىيە دائىرىلىرى ئادىل ۋە بىتەرەپ ھالدا گىرېتسىيە ساقچىلىرى ۋە چېگرا مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. »

باياناتتا گىرېتسىيەگە كۆچمەنلەرنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ، گىرېتسىيە ساقچىلىرىنىڭ كۆچمەنلەرگە قاتتىق قوللۇق قىلىپ كۆچمەنلەرنى مەجبۇرى قايتۇرۇۋېتىش  قىلمىشلىرىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى قانۇنلىرى دائىرىسىدە تەكشۈرۈپ چىقىش كېرەكلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ياۋروپا تەتقىقاتچىسى تودور گاردوسنىڭ سۆزلىرىگە ئورۇن ئاجرىتىلغان باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «بىرمۇ جىنايەت سادىر قىلىپ باقمىغان ئىنسانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنماقتا، ئۇرۇلماقتا ھەتتا گىرېتسىيەدىن مەجبۇرى قوغلانماقتا.»

گاردوس گىرېتسىيە دائىرىلىرىنىڭ كۆچمەنلەرنىڭ مەجبۇرى قايتۇرۇلۇشى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنۇلارنى دېدى: «ھۆكۈمەت بۇ ھەقتە يالغان سۆزلىگەن بولسىمۇ، بىراق گىرېتسىيەنىڭ مەرىچ دەرياسى ئارقىلىق ياۋروپاغا كەتمەكچى بولغان ئىنسانلارنى ئىچىگە ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن قوغلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر