ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى سىكوت موررىسوننىڭ قوددۇسنىڭ غەربىي قىسمىنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلش قارارىنى ئەيىبلەپ، بۇنىڭ قانۇنسىز بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1108215
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، موررىسوننىڭ قۇددۇس قارارىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارارلىرىنى ئاياق ئاستى قىلغانلىق بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

قۇددۇسنىڭ پۈتۈن خەلقئارالىق قانۇنلۇق قارارلارغا بىنائەن 1967يىلى بەلگىلەنگەن چېگرا رايونىدا، ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان پەلەستىن زېمىنىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكى ۋە قانۇنلۇق سالاھىيىتىگە چېقىلىشقا بولمايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاۋستىرالىيەنى خەلقئارالىق قارارلارغا ھۆرمەت قىلىشقا ۋە قۇددۇس قارارىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىرىق قىلدى. 

پەلەستىن دۆلەتلىك كېڭىشىمۇ ئېلان قىلىنغان يازما باياناتىدا، ئاۋستىرالىيەنىڭ قارارىنى ئەيىبلەندى، بۇنىڭ پۈتۈنلەي ئىناۋەتسىز ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ بىر قارار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى سىكوت موررىسون تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قۇددۇسنىڭ غەربىي قىسمىنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىش قارارى ماقۇللىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

مورررىسون ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قۇدۇسنىڭ غەربىي قىسمىنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، بىراق باش ئەلچىخانىسىنى ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈلمىگەنگە قەدەر قۇددۇسقا يۆتكىمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر