سالومې زۇرابىشۋىلى گىرۇزىيەنىڭ تۇنجى ئايال پىرېزىدېنتى بولدى

گىرۇزىيەدە 28-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن 2-قېتىملىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا %59.54 ئاۋازغا ئېرىشىپ، دۆلەتنىڭ تۇنجى ئايال پىرېزىدېنتى بولغان سالومې زۇرابىشۋىلى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.

1108219
سالومې زۇرابىشۋىلى گىرۇزىيەنىڭ تۇنجى ئايال پىرېزىدېنتى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سالومې زۇرابىشۋىلى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا %59.54 ئاۋازغا ئېرىشىپ، گىرۇزىيەنىڭ تۇنجى ئايال پىرېزىدېنتى بولۇپ قالدى. قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا، تۈركىيەگە ۋاكالىتەن مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي قاتناشتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتى ساركىسيان، فىرانسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزى، ئەزەربەيجان پارلامېنتى باشلىقى ئوكتاي ئاسادوۋ قاتارلىق يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت باشلىقلىرى، مىنىستىرلار، دىپلوماتلار قاتناشتى.

بۇ جەرياندا، پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلمىغان، زۇرابىشۋىلىنى پىرېزىدېنت دەپ ئېتىراپ قىلمىغان، شۇنداقلا مۇددەتتىن بالدۇر سايلام ئۆتكۈزۈشنى چاقىرىق قىلغان ئۆكتىچى پارتىيەلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە تەرەپدارلىرى مۇراسىمغا نارازىلىق بىلدۈردى.

گرۇزىيەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدىن مۇراسىمغا نارازىلىق بىلدۈرمەكچى بولغان ئۆكتىچى رەھبەرلەر ۋە نامايىشچى ئامما تېلاۋىيەگە 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى.

ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارنى باشقا يولدىن مېڭىشىنى تەلەپ قىلىشى بىلەن، نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش كېلىپ چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر