شىمالىي كورېيە ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئېمبارگو قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

شىمالىي كورېيە، ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ، شىمالىي كورېيەلىك ئۈچ نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1108209
شىمالىي كورېيە ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئېمبارگو قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە، ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ، كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مىنىستىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىمالىي كورېيەلىك ئۈچ نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

شىمالىي كورېيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى –KCNA دا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى ئېمبارگوسىنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى نىشانىغا يەتكۈزىدىغان يولنى مەڭگۈگە تاقىۋېتىش ئېھتىمالى بارلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، يادرو پىلانىدىن ۋاز كېچىشى ئۈچۈن جازا بېسىمىنى ئاشۇرۇشنى ۋە شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن تۈزۈمىنى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەشنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلارنىڭ خاتا مۆلچەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق چەت ئەل بايلىقلىرىنى تەكشۈرۈش ئىشخانىسى، مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا شىمالىي كورېيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مىنىستىرى جوڭ كيوڭتائېك، كورېيە ئىشچىلار پارتىيەسى تەشكىلات ۋە ئىدارە ئىشلىرى دىرېكتورى چوئې ريوڭخائې بىلەن پارتىيەنىڭ تەشۋىقات ۋە ھېسداشلىق بۆلۈمى دىرېكتورى پاك كۋاڭخونىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

جازالارنىڭ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شىمالىي كورېيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە چەكلىمىلىرى بايان قىلىنغان «شىمالىي كورېيەدە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىشى ۋە چەكلىمىلەر» تېمىلىق دوكلاتىغا ئاساسەن تەييارلانغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن 12 – ئىيۇندا سىنگاپوردا كۆرۈشۈپ، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى توغرىسىدا كېلىشكەنىدى.

يېقىنقى مەزگىللەردە تەرەپلەر ئارىسىدىكى يادرو قورالسىزلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچرىشىشلار توختاپ قېلىش باسقۇچىغا كىرگەن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ، شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن بىلەن يانۋار ياكى فېۋرال ئايلىرىدا كۆرۈشۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر