نەنسىي پېلوسىنىڭ رىيادقا قارشى قەدەم تاشلايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

نەنسىي پېلوسىنىڭ، ۋەزىپىنى ئۆتكۈزۈپ ئالار – ئالمايلا سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارشى قانۇنىي قەدەملەرنى تاشلاش توغرىسىدا بېسىمغا دۇچ كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1108587
نەنسىي پېلوسىنىڭ رىيادقا قارشى قەدەم تاشلايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان دېموكراتچى قاناتنىڭ كالىفورنىيە پارلامېنت ئەزاسى نەنسىي پېلوسىنىڭ، ۋەزىپىنى ئۆتكۈزۈپ ئالار – ئالمايلا سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارشى قانۇنىي قەدەملەرنى تاشلاش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

6 – نويابىردىكى ئارا سايلامدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن دېموكراتچى قانات، يانۋار ئېيىدا ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلايدىغان نەنسىي پېلوسىدىن رىيادقا قارشى بىر قاتار قەدەملەرنى تاشلىشىنى كۈتمەكتە.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان «» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دېموكراتچى پارلامېنت ئەزالىرى، بىرىنچى بولۇپ ئامېرىكىنىڭ يەمەندە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەرگە قىلىۋاتقان ياردىمىنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن پالاتانىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلاشنى پىلانلىماقتا.

پېلوسىمۇ، پارتىيەسىدە يەمەن مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئىستىكىنىڭ بارلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئالدىنقى قاتاردىكى ئىشلىرىنىڭ ئارىسىغا كىرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئۇ يەنە، 2018 – يىلى 2 – ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ۋەھشىيلەرچە قەتل قىلىنغان ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى جىنايىتىدە رول ئوينىغانلىقىغا ئالاقىدار دەلىللەرنى كۆرگەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمانغا جازا يۈرگۈزۈش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى قوللايدىغانلىقىنىمۇ قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر