سىچۇەندە يەر تەۋرىدى

خىتاينىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىدە 5.7 بال يەر تەۋرىدى.

1107742
سىچۇەندە يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىدە 5.7 بال يەر تەۋرىدى.

خىتاي يەر تەۋرەشنى ئېنىقلاش ئىدارىسى سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى يىنبىن رايونىغا قاراشلىق شىڭۋىن ناھىيەسىدە 5.7 بال يەر تەۋرەش ھادىسىسى مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

يەر ئاستىنىڭ 12 كىلومېتىر چوڭقۇرلىقىدا مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلارنىڭ بار يوقلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.

سىچۇەن خىتاينىڭ يەر تەۋرەش بەلبىغىغا جايلاشقان ئۆلكىلەردىن بىرى بولۇپ، بۇلتۇر مەيدانغا كەلگەن 7 بال يەر تەۋرەشتە 20 كىشى ئۆلۈپ 493 كىشى يارىلانغانىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، تەيۋەن مەركىزى مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىمۇ خۇالىيەن شەھىرىگە تەخمىنەن 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا 5.6 بال يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

يەر ئاستىنىڭ 30.3 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ بار يوقلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى، يەر تەۋرەش يېڭى تەيپېي شەھىرى بىلەن ئارالنىڭ تەيتۇڭ، يىلەن، نەنتۇ، تەيچۇڭ، يۇنلىن، چانخۇا ناھىيەلىرىگىرىمۇ تەسىر كۆرسەتتى.


خەتكۈچ: #سىچۇەن , #خىتاي

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر