بەسرەدە نامايىشلار قايتىدىن باش كۆتۈردى

ئىراقنىڭ بەسرە شەھىرىدە چىرىكلىك ۋە ئىشسىزلىققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1107694
بەسرەدە نامايىشلار قايتىدىن باش كۆتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ بەسرە شەھىرىدە ئىشسىزلىق ۋە چىرىكىلىككە قارشى نامايىشلار قايتىدىن باش كۆتۈردى.

بەسرە شەھىرىدە تەخمىنەن 250 كىشى ئىشسىزلىق، چىرىكلىك ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى مەمۇرى خىزمەتلەرنىڭ ناچارلىقى قاتارلىق ئىجتىمائىي ھادىسىلەرگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

دەسلەپ ۋىلايەتلىك مەجلىس بىناسى ئالدىغا يىغىلغان نامايىشچىلار ئارقىدىن مەجلىس باشلىقى ئەسات كەيتاننىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.

ساقچىلار نامايشىچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن دەسلەپ ھاۋاغا قارىتىپ ئوق چىقاردى ئارقىدىن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلەتتى.

بەسرەدە بۇ يىل يازدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا 30غا يېقىن ئادەم ئۆلۈپ 700 ئادەم يارىلانغانىدى.

ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى شەھەردە مىڭلارچە ئادەمنىڭ مەينەت سۇ ئىچىپ زەھەرلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر