24-نۆۋەتلىك خەلقئارا كىلىمات يىغىنى غەلبىلىك ئاخىرلاشتى
پولشادا چاقىرىلغان ب د ت نىڭ 24-نۆۋەتلىك كىلىمات يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاخىرلاشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشانىڭ كاتوۋىچە شەھىرىدە چاقىرىلغان ب د ت نىڭ 24-نۆۋەتلىك كىلىمات يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاخىرلاشتى.
كاتوۋىچ شەھىرىدە چاقىرىلغان كىلىمات يىغىنىغا 200دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى، يىغىن ئىككى ھەپتە داۋاملاشتى.
يىغىندا 2015-يىلى پارىژدا تۈزۈلگەن پارىژ كىلىمات كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار ئۈستىدە كېڭەش قىلىندى.
يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدا مۇھىم قەدەم تاشلاندى. ھاۋاغا كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىش نىسبىتىنى ئازايتىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.»
پارىژ كېلىشىمى كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ خەتەرلىرىگە قارشى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادى چىدامچانلىق كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن نېفىت ۋە كۆمۈرگە ئوخشاش يېقىلغۇلارنى ئىشلىتىشنى ئازايتىش ۋە يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيەلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.