يىلدىرىم: پەلەستىن خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقىنى خالايمىز

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى  بىنالى يىلدىرىم پەلەستىن خەلقىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ۋە مۇستەقىل دۆلەتكە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1107375
يىلدىرىم: پەلەستىن خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقىنى خالايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  يىلدىرىم، «قۇددۇس پەلەستىننىڭ مەڭگۈلۈك پايتەختى» تېمىسى ئاستىدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنتلار ئارا قۇددۇس مۇنبىرىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك يىغىنى جەريانىدا ئىشتىراكچىلارنىڭ شەرىپىگە بېرىلگەن زىياپەتتە قىلغان سۆزىدە، پەلەستىندە تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ شەرتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «پەلەستىندە تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، 1967 – يىلى بەلگىلەنگەن چېگرا لىنىيەلىرى دائىرىسىدە پايتەختى قۇددۇس بولغان مۇستەقىل، ئۆز – ئۆزىگە خوجا ۋە جۇغراپىيەلىك بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدۇر. تۈركىيە ھەمىشە پەلەستىننى قوللاپ كەلمەكتە. پەلەستىنلىكلەرگە شۇنداق چاقىرىقتا بولىمەنكى، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزۈڭلار بەلگىلىيەلىشىڭلار ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، يېگانە ساداغا ئايلىنىشىڭلار كېرەك. بىزنىڭ بىردىنبىر ئارزۇيىمىز شۇكى، پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ھېچقانداق بىر شەرتنى ئوتتۇرىغا قويماستىن تەكرار كۈچلىرىنى بىرلەشتۈرۈشى، داۋالىرىغا ساھىپ چىقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ، ھەققانىي  كۈرەشلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشى لازىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر