ئامېرىكا ئالىي پالاتاسىدا يەمەنگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسى ماقۇللاندى

ئامېرىكا ئالىي پالاتاسىدا يەمەنگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسى كۆپ سانلىقنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشىپ ماقۇللاندى.

1106955
ئامېرىكا ئالىي پالاتاسىدا يەمەنگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسى ماقۇللاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئالىي پالاتاسى  پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئۇرۇشقا يوليۇرۇق بېرىش ھوقۇقىنى مەلۇم دەرىجىدە چەكلەش ۋە ئامېرىكانىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىنىڭ يەمەندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى  قوللاشنى توختىتىشنى مەزمۇن قىلغان ئاساسىي قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

ئامېرىكالىق ئالىي پالاتا ئەزالىرىدىن بېرنىي ساندېرس، مايك لې ۋە كرس مۇرپىي تەرىپىدىن تەييارلانغان قانۇن لايىھەسى ئومۇمىي كېڭەشتە كۆپ سانلىقنىڭ ئاۋازغا بېرىشىگە ئېرىشىپ ماقۇللاندى.

ئاۋاز بېرىشتىن كېيىن ئومۇمىي كېڭەشكە خىتاب قىلغان ئالىي پالاتا ئەزاسى ساندېرس: ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېغىر ئىنسانىي كىرىزىسكە سەۋەب بولغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھۇجۇملىرىغا شىرىك بولمايدۇ. بۈگۈن بىز سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى دىكتاتور ھاكىمىيەتنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر قىسمى بولمايدىغانلىقىمىزنى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن جاكارلايمىز، دېدى.

نىيۇ جېرسېي ئالىي پالاتا ئەزاسى روب مېنېندېزمۇ ئومۇمىي كېڭەشتە سۆز قىلغاندا، يەمەنگە مۇناسىۋەتلىك قارار لايىھەسىنى قوللاپ ئاۋاز بېرىشىدە سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ ۋاشىنگىتون پوچتا يازغۇچىسى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست «جەمال قاشىقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدە قولى بارلىقى»دىن گۇمان قىلىشىنىڭ زور رول ئوينىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى بۇ يىل 2-ئۆكتەبىردە نىكاھ رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىغا كەلگەندە بۇ جايدا ۋەھشىيلەچە ئۆلتۈرۈلىدۇ.

ئالىي پالاتادا ماقۇللانغان مەزكۇر قانۇننى دونالد ترامپنىڭ تەستىقلىشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئالىي پالاتادىمۇ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى كېرەك.

ئاۋام پالاتا مەجلىسىدە چارشەنبە كۈنى ئاۋازغا قويۇلغان «يېزا-ئىگىلىك قانۇن لايىھەسى»گە پالاتا باشلىقى پاۋۇل رىيان تەرىپىدىن يەمەنگە مۇناسىۋەتلىك بىر ماددا قوشۇلغانىدى.

بۇ ماددا ئارقىلىق 2018-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئاۋام پالاتاسىدا يەمەندىكى ئۇرۇشقا دائىر ھەر قانداق بىر قانۇن لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلمايدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەن بولدى.

 


خەتكۈچ: #ئامېرىكا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر