ستراسبۇرگ ھۇجۇمچىسى بىر تەرەپ قىلىندى

فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدە سەيشەنبە كۈنى كەچتە نوئېل ساھەسىنى قانغا بويىغان زوراۋان ئۆلتۈرۈلدى.

1106749
ستراسبۇرگ ھۇجۇمچىسى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇمنىڭ جۋاۋابكارى دەپ قارىلىۋاتقان 29 ياشلىق چېرىف چېككات، ساقچىلارنىڭ شەھەردىكى لازارەت كوچىسىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشى جەرياندا ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇنىڭ قىز قېرىندىشى تۈنۈگۈن پايتەخت پارىژدا قولغا ئېلىنغان.

ستراسبۇرگ شەھىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەيدانلىرىدىن بىرى بولغان پىلايس كلېبېردىكى نوئېل بازىرىغا يېقىن بىر رايوندا سەيشەنبە كۈنى كەچتە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەرگەن، ھۇجۇمدىن كېيىن زوراۋاننىڭ قاچقانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

پارىژ تەپتىش ئەمەلدارى رېمى ھېتىز، ھۇجۇمدا 3 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 6 سى ئېغىر 12 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغان، زوراۋاننىڭ ساقچىلار ئىز قوغلاۋاتقان 29 ياشلىق چېرىف ئىكەنلىكىنى، گۇماندارنىڭ ئىلگىرىمۇ ، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە شىۋېيتسارىيەدە ئوغرىلىق ۋ باسقۇنچىلىق جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ، سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن ئۇدا 27 قېتىم جازالاندۇرۇلغانلىقىىنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر