غەززەدە ئىسىرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

غەززەدە ئىسىرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە قۇددۇستا ئۈچ پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈشىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1106576
غەززەدە ئىسىرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىللىي ئىسلامىي قىسىملارنىڭ چاقىرىقى بىلەن غەززەدىكى «مەجھۇل ھەربىي خاتىرە باغچىسى» دا، ئىسىرائىلىيە قىسىملىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشتا، ئىسىرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززەدە ئۈچ پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى. نامايىشچىلار پەلەستىن بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئىسىرائىلىيەنىڭ دەپسەنچىلىكلىرىنى ئەيىبلىدى.

پەلەستىن دېموكراتىك ئازادلىق ئالدىنقى سېپىنىڭ رەھبەرلىرىدىن تالال ئەبۇ زارىفە ئىسىرائىلىيەنىڭ قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرگە قارشى ئۆتكۈزگەن ۋەھشىي جىنايەتلىرى بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈشىنى ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، ئىشغالىيەتكە قارشى قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ خەلقئارالىق قانۇندا بېرىلگەن ھەق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ دۇنياغا ئىسىرائىلىيەنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ تېررورلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى، ئىشغالىيەتچىلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتىنىڭ باياناتچىسى داۋۇد شىھاب قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى ۋە ئۇلارغا سۈيىقەست قىلىنىشىنىڭ، پەلەستىن كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرالمايدىغانلىقىنى، ئىشغال داۋام قىلغان مۇددەتچە، ئۇنىڭغا قارشى كۈرەشنىڭمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ بۇ قىلغانلىرىغا پەلەستىنلىكلەر تەرىپىدىن جاۋاب بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسىرائىلىيە ئىچكى ئىستىخبارات ئىدارىسى (Şin-Bet) نىڭ تۈنۈگۈن (13-دېكابىر) كى باياناتىدا، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ نابلۇس شەھىرىگە جايلاشقان ھەربىي گازارمىدا چىققان ئېتىشىشتا، 7-ئۆكتەبىر (2018) دە بۇركان سانائەت رايونىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى ئەشرەف نۇئالۋەنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئىسىرائىلىيە تۇرالغۇ رايونى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن سالىھ ئۆمەر سالىھ ئەلبەرگۇسىنىڭ بىر قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەتتە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىسىرائىلىيە قىسىملىرى تۈنۈگۈن (13-دېكابىر)  ئەتىگەن قۇددۇستا «پىچاقلىق ھۇجۇم» قىلماقچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مەجىد ناتىر ئىسىملىك بىر ياشنى ئۆلتۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر