ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ھەرىكەتكە ئۆتتى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي دۆلىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش باسقۇچىنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن دىپلوماتىك جەھەتتىن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

1105283
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېرېسا مېي پارلامېنتتىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش قارارنامىسىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىدىن كېيىن، دۆلىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش باسقۇچىنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياۋروپا رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشمەكتە.

ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى ھېسابلىنىدىغان ئاۋام پالاتاسىدا قارارنامىنى ئاۋازغا قويۇشنى بىكار قىلغان تېرېسا مېي، ياۋروپا ئەللىرى زىيارىتى دائىرىسىدە، گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك مۇتتې، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى يېن كلود ياڭكېر ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى دونالد تاسك قاتارلىق رەھبەرلەر  بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشتى.

ئەنگلىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قارارنامە پارلامېنتتا 21 – يانۋاردىن بۇرۇن ئاۋازغا قويۇلىدىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەنگلىيە پارلامېنت بىناسىنىڭ سىرتىدا ھەم ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشىنى قوللىغۇچىلار ھەم قارشى چىققۇچىلار  نامايىش ئۆتكۈزمەكتە.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى يېن كلود ياڭكېر، فىرانسىيەنىڭ سىتراسبۇرگ شەھىرىدە ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىگە خىتاب قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىز ھاسىل قىلغان كېلىشىم ئەڭ ياخشى ۋە تۈزۈشكە تېگىشلىك بىردىنبىر كېلىشىم بولۇپ، بارلىق تەرەپلەر بۇ كېلىشىم ھەققىدە تەكرار مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلمايدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك.»

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «تەدبىر ماددىسى»، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئىرېلاندىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئەنگلىيە تېرروتېرىيەسىنىڭ بىر قىسمى بولغان شىمالىي ئىرېلاندىيە ئوتتۇرىسىدا، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشىدىن كېيىن فىزىكىلىق چېگرا شەكىللىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. بۇ ماددا ئارقىلىق ئەنگلىيەنىڭ بارلىق تېرروتېرىيەسى مەلۇم ۋاقىتقىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تاموژنا ئىتتىپاقىنىڭ چېگرالىرى ئىچىدە قالىدىكەن.

ئەنگلىيە 2016 – يىلى 23 – ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن خەلق رايىنى سىناشتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلغان، چېكىنىش باسقۇچىنى 2017 – يىلى 29 – مارت كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن 2019 – يىلى 29 – مارت كۈنى چېكىنىش باسقۇچى تاماملىنىشى كېرەك ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر