مېڭ ۋېنجۇ كاپالەتكە قويۇپ بېرىلدى
كانادا سوتى، خىتاي تېخنولوگىيە گۇرۇھى خۇاۋېينىڭ دىرېكتورى مېڭ ۋېنجۇنىڭ 10 مىليون كانادا دوللىرى كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇپ شەرتلىك ھالدا قويۇپ بېرىلىشىگە قارار قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگولىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، كانادا تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان خىتاي تېخنولوگىيە گۇرۇھى خۇاۋېينىڭ دىرېكتورى مېڭ ۋېنجۇنىڭ 10 مىليون كانادا دوللىرى كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇپ شەرتلىك ھالدا قويۇپ بېرىلىشىگە قارار قىلىندى.
خەلقئارا جەمئىيەت ۋە پۇل – مۇئامىلە بازارلىرى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان كاپالەت سوتىدا كانادالىق سوتچى ۋىليام، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشى كۈتۈلۈۋاتقان مېڭ ۋېنجۇنى شەرتلىك ھالدا قويۇپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلدى.
سوتچى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن كاپالەت شەرتىگە ئاساسلانغاندا، ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى ئۆيىدە تۇرىدىغان مېڭ ۋېنجۇ، سوت مەھكىمىسىگە 7 مىليونى نەق ۋە 3 مىليونى مۇقىم مۈلۈك بولۇپ جەمئىي 10 مىليون كانادا دوللىرى تەمىنات تاپشۇرىدىكەن.
لىئونس گەيت ئىسىملىك بىر خۇسۇسىي ئامانلىق ساقلاش شىركىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن ئورۇن بەلگىلىگۈچ ئاپپاراتى پۇتىغا تاقاپ يۈرىدىغان مېڭ ۋېنجۇ، شىركەت خادىملىرىنىڭ ئۆزىنى 7 كۈن 24 سائەت بويىچە كۆزىتىشىگە ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا نازارەت ئاستىغا ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىدىكەن.
ئامانلىق ساقلاش شىركىتىنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى ئۆز يېنىدىن قىلىدىغان مېڭ ۋېنجۇ، شىركەت تەرىپىدىن بەلگىلەپ بېرىلگەن رايوننىڭ سىرتىغا چىقمايدىكەن ۋە قولىدىكى بارلىق پاسپورتلىرىنى كانادا ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن.
خىتاي تېخنولوگىيە گۇرۇھىنىڭ خۇاۋېينىڭ خوجايىنى رېن جېڭفېينىڭ قىزى ۋە شىركەتنىڭ دىرېكتورى مېڭ ۋېنجۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگولىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 1 – دېكابىردىن بۇيان ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى قاماقخانا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىدى.
10 كۈنگە يېقىن تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن كاپالەت سوتىنىڭ ئۈچىنچى كۈنىدە شەرتلىك قويۇپ بېرىلىشىگە قارار قىلىنغان مېڭ ۋېنجۇنىڭ ئاقىۋىتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كانادادىن قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىش – قىلماسلىقىغا باغلىق ئىكەن.
ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر تەلەپنى سونۇش ئۈچۈن 60 كۈن ۋاقتى بار ئىكەن.