مىسىر ھۆكۈمىتى «سېرىق جىلىتكە»سېتىلىشىنى چەكلىدى

مىسىر ھۆكۈمىتى «سېرىق جىلىتكىلىكلەر»ھەرىكىتىنىڭ مىسىردىمۇ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەپ سېرىق جىلىتكە سېتىلىشىنى چەكلىدى.

1105240
مىسىر ھۆكۈمىتى «سېرىق جىلىتكە»سېتىلىشىنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر ھۆكۈمىتى 2011-يىلدىكى خەلق ئىنقىلابىنىڭ خاتىرە كۈنىدىن ئىلگىرى فىرانسىيەدىكى نامايىشلارنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان سېرىق جىلىتكىنىڭ سېتىلىشىنى چەكلىدى.

سابىق پىرېزىدېنت ھۈسنى مۇبارەكنىڭ ئىستېپا بېرىشى بىلەن نەتىجىلەنگەن 2011-يىلدىكى خەلق ئىنقىلابىنىڭ خاتىرە كۈنىدىن ئىلگىرى، مىسىر خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ساتىدىغان دۇكانلارنى خەلققە سېرىق جىلىتكە ساتماسلىق ۋە ساقچىلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ توپ تارقاتماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

قاھىرىدە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ساتىدىغان 6 دۇكاننى زىيارەت قىلغان « AP» مۇخبىرلىرى، سېرىق جىلىتكە سېتىلىشىنىڭ چەكلىنىشى توغرىسىدا دۇكاندارلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

بەزى دۇكاندارلار بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرغان بولسا، بەزىلەر ساقچىلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا بىنائەن سېرىق جىلىتكە سېتىشنى توختاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

ئىسمىنىڭ ئاشكارىلىنىشنى خالىمىغان بىر دۇكاندار، مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ فىرانسىيەنى ئېغىر كۈنگە قويغان نامايىشلارنىڭ ئوخشىشىنىڭ مىسىردا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن، سېرىق جىلىتكە سېتىلىشىنى چەكلىگەنلىكىنى دېدى.

يەنە بىر دۇكاندار ساقچىلارنىڭ  ئۆزىگە سېرىق جىلىتكە ساتماسلىق ئۈچۈن تەھدىت سالغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ساقچىلار قېشىمغا كەلدى، سېرىق جىلىتكە ساتماسلىقىمنى تاپىلىدى، مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىمدا: بىز بۇيرۇق ئىجرا قىلىۋتىمىز، دېيىشتى.»

خەۋەرلەردە ئىسمى ئېلان قىلىنمىغان خەۋپسىزلىك ئەمەلدارلىرى، ساقچىلارنىڭ بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە توپ ساتىدىغان دۇكانلارنىڭ خوجايىنلىرى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزۈپ، سېرىق جىلىتكە سېتىشنىڭ نېمە ئۈچۈن چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا چۈشەنچە  بەرگەن.

ساقچىلار يەنە سېرىق جىلىتكە سېتىش چەكلىمىسىنىڭ كېلەر يىلى يانۋار ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىسىردا 2011-يىلى 25-يانۋاردا باشلىغان كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار خەلق ئىنقىلابىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ، نامايىشلار 11-فېۋرالدا 30يىل ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان ھۈسنى مۇبارەكنىڭ ئىستېپا بېرىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئىنقىلابتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئۇتۇپ چىققان مۇھەممەد مۇرسى 2012-يىلى 30-ئىيۇندا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالدى.

مىسىرنىڭ دېموكراتىك يوللار بىلەن سايلانغان تۇنجى پىرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسىنى، 2013-يىلى 3-ئىيۇلدا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى ئابدۇلفەتتاھ ئەس-سىسى ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى.

«سېرىق جىلىتكە»فىرانسىيەدە يېقىلغۇ باھالىرىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ۋە ئىقتىسادنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشىگە قارىتا، بۇ يىل 17-نويابىردا باشلىغان نامايىشلارنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر