ب د ت: كىشىلىك ھوقۇق دۇنيا مىقياسىدا قورشاۋ ئاستىدا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دۇنيا مىقياسىدا قورشاۋ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1104713
ب د ت: كىشىلىك ھوقۇق دۇنيا مىقياسىدا قورشاۋ ئاستىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەندىنامىسى» نىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنىڭ 70 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەھدىنامىنىڭ، ئۇدا 70  يىلدىن بۇيان ئىززەت – ھۆرمەت، ھوقۇقتا باراۋەرلىك ۋە تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۈمىد چىرىغى ياندۇرۇپ ھەم ئىنسانلارنىڭ ماڭىدىغان يولىنى يورۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەھدىنامىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېتىقادى، ئىرقى،  جەمئىيەتتىكى ئورنى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممە ئۈچۈن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، جۈملىدىن، كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئالەمشۇمۇل، ئەبەدىي ۋە مۇقىم ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەپرەت، ئىرقچىلىق، بېسىم ۋە زۇلۇم – سىتەملەر بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قىلچە پىسەنت قىلماي كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلارنى قوغداش يولىدا ھارماي – تالماي  كۈرەش قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق دۇنيا مىقياسىدا قورشاۋ ئاستىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىنسانىي قىممەت ئۆلچەملەر ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ، قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى ئاجىزلاۋاتىدۇ. مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق بىر پەيتتە، كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلارنى ھەممە يەردە ھەرۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك قوغداش ئىنتايىن زۆرۈر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر