ئافغانىستاندا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلنىڭ پاگمان ناھىيەسىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى نىشان قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1104726
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ناجىب دانىشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 4 كىشى قازا قىلغان، 6 كىشى يارىلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ۋە يارىلانغانلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە تېخىچە مەلۇمات بېرىلمىگەن بولۇپ، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيەنى ﭼــﯚﻝ ـ ﺟﻪﺯﯨــﺮە چاڭ – تۇزاڭلىرى قاپلاپ كەتتى
گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئاتىنانى ئافرىقادىن كەلگەن ﭼــﯚﻝ ـ ﺟﻪﺯﯨــﺮە چاڭ – تۇزاڭلىرى قاپلاپ كەتتى.