پاشىنيان: تۈركىيە بىلەن ئالدىنقى شەرت قويماستىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تەييارمىز

ئەرمېنىيەدىكى مۇددەتتىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا غەلىبە قىلغان پاشىنيان، باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى بىناسىدا چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

1104413
پاشىنيان: تۈركىيە بىلەن ئالدىنقى شەرت قويماستىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيەدىكى مۇددەتتىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەققەت باش مىنىستىر پاشىنيان، «تۈركىيە بىلەن ئالدىنقى شەرت قويماستىن بىۋاسىتە مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تەييارمىز. تۈركىيەنىڭمۇ بۇنىڭغا تەييار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

ھەپتە ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا غەلىبە قىلغان پاشىنيان، باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى بىناسىدا چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

«تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز تاغلىق قاراباغ مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك»  دېگەن پاشىنيان، ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە بولغان تونۇشنىڭ تۈركىيە  بىلەن ئەرمېنىيە ئارىسىدىكى مۇناىسۋەتكىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ قانچە قېتىم دېدىم. تۈركىيە بىلەن ئالدىنقى شەرت بولماستىن بىۋاسىتە مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تەييارمىز. تۈركىيەنىڭمۇ بۇنىڭغا تەييار بولۇشىنى ئەمىد قىلىمەن» دېدى.

ئەرمېنىيە ئىشغالى ئاستىدىكى تاغلىق قاراباغ مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ توختالغان پاشىنيان، بۇنىڭ خەلقئارانىڭ كۈنتەرتىپىدىكى بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ۋە ئالدىنقى پىلاندىكى مۇھىم ئىشلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ھالدا، «بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز. تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىشنى كۈچلۈك شەكىلدە ياقلايمىز» دېدى.

ئۇ، تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىنىڭ ئۇ يەردە ياشايدىغانلارغا ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىلمەي تۇرۇپ ھەل بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۆز رەھبەرلىكىدىكى ئىتتىپاق سايىسىدا ئومۇمىي ئاۋازنىڭ %70.4 ىنى ئالغان پاشىنيان، يۈرگۈزىدىغان تاشقى سىياسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ياخشى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن شېرىك ۋە ياۋروپا كېڭىشى گە ئەزا ئىكەنلىكلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

«ھېچقانداق تەسىرنىڭ ئاستىدا ئەمەسمىز» دېگەن پاشىنيان، ناتو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «لېكىن، ناتوغا ئەزا بولۇشتەك بىر نىيىتىمىز يوق» دېدى.

پاشىنيان، ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئامېرىكا ئېمبارگوسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ – ئۇچرىمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋابەن، ئىراننىڭ دۆلىتىگە نىسبەتەن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قوشنا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، يېڭى باسقۇچتىكى مۇھىم ئىشلىرىنىڭ «ئىقتىسادىي ئىنقىلاب» قوزغاش بولىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر