مىسىر، سۇدان ۋە نىگېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ھەمكارلىشىپ ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى

مىسىردا سۇدان، نىگېرىيە ۋە بۇركىنا فاسكو قاتارلىق دۆلەتلەر ھەمكارلىشىپ ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى.

1103557
مىسىر، سۇدان ۋە نىگېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ھەمكارلىشىپ ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا سۇدان، نىگېرىيە ۋە بۇركىنا فاسكو قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيەلىرى بىرلىشىپ ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى.

مىسىر ئارمىيەسى باياناتچىسى گېنېرال تامىر ئەل رۇفاي، مىسىرنىڭ غەربىگە جايلاشقان مۇھەممەد نەجىب ھەربىي بازىسىدا باشلىغان ھەربىي مانىۋېرنىڭ 14-دېكابىرغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇفاي بۇ قېتىمقى ھەربىي مانىۋېرنىڭ مەقسىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى زەربە بېرىش، گۆرۈگە ئېلىنغۇچىلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى قاتارلىق ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئەسكەرلەرنىڭ ھەرىكەت قابىليىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

گېنېرال رۇفاي بۇ قېتىمقى ھەربىي مانىۋېرنىڭ يەنە سۇدان، نىگېرىيە ۋە بۇركىنا فاسكو قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ۋە ماسلىشىشنى ئاشۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر