كەركۈكتە نۇرغۇن دائېشچى قولغا چۈشتى

كەركۈكتە ئىراق خەپسىزلىك قىسىملىرى دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ نۇرغۇن دائېشچى قولغا چۈشۈردى.

1103743
كەركۈكتە نۇرغۇن دائېشچى قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا، ئىراق خەۋپسىزلىك قىسىملىرى ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ كەركۈككە ھۇجۇم قوزغاش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان دائېش تېررورچىلىرىنى تۇتقۇن قىلدى.

ئىراق مەركىزى ھۆكۈمەتكە قاراشلىق تېررورلۇققا تاقابىل تۇرۇش ساقچى قىسىملىرى باشلىقى گېنېرال مېن ئەس سەيدى، كەركۈكنىڭ جەنۇبىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خەۋپسىزلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن قوزغالغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە تېررورچىلاردىن سىرت نۇرغۇن ئوق-دورىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

سەيدى مۇنداق دېدى: «ھەربىي ھەرىكەت ئەسناسىدا نۇرغۇن تېررورچى قولغا چۈشتى، رايوندىن كەلگەن ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردۇق.»

تۇتقۇن قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ كەركۈك شەھەر مەركىزىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغاش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان سەيدى: كەركۈك شەھەر مەركىزىگە قانۇنسىز يوللار بىلەن سوقۇنۇپ كىرىپ، تېررورلۇق قىلمىشى سادىر قىلىش ۋە شەھەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان سېلىشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتقان نۇرغۇن تېررورچى تۇتۇلدى، دېدى.  


خەتكۈچ: #كەركۈك , #دائېش

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر