ترامپ يېڭى ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى نامزاتىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، گېنېرال - پولكوۋنىك جوسېف دۇنفوردنىڭ ئورنىغا گېنېرال - پولكوۋنىك مارك مىللېينى نامزات كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1103208
ترامپ يېڭى ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى نامزاتىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2019 –يىلى ئۆكتەبىردە ئاخىرلىشىدىغان ئامېرىكا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك جوسېف دۇنفوردنىڭ ئورنىغا نۆۋەتتىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال - پولكوۋنىك مارك مىللېينى نامزات كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «4 يۇلتۇزلۇق گېنېرال مارك مىللېينى گېنېرال دۇنفوردنىڭ ئورنىغا ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقلىقىغا نامزات كۆرسىتىشتىن خۇشاللىق ھېس قىلماقتىمەن. بۇ ئىككى ئەپەندىگە دۆلىتىمىزگە قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن. ۋەزىپە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋاقتى كېيىنچە بېكىتىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىللېي، ئامېرىكا ئارمىيەسىدىكى جەلىپكار كىملىكى ۋە ئاياللارنىڭمۇ توقۇنۇش رايونلىرىدا ۋەزىپە ئۆتۈشىنى قوللاش جەھەتتىكى پىكىرلىرى بىلەن تونۇلغان بىرى. ئۇ، ئافغانىستاندا سەپداشلىرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن تالىبان تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنىپ كېيىنچە ئامېرىكا بىلەن تۈزۈلگەن مەھبۇس ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىگە ئاساسەن قويۇپ بېرىلگەن بوۋې بېرگدال دېلوسىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل قىلىنغانىدى.

نۆۋەتتىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى دۇنفورد بولسا، 2015 – يىلى سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباما تەرىپىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن بولۇپ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تىرامپ دەۋرىدە 2 يىل ئۇزارتىلغانىدى.

مىللېينىڭ باش ئىشتاب باشلىق ۋەزىپىسىنى باشلىشى ئۈچۈن ئامېرىكا پالاتاسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتۈشىگە توغرا كېلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر