فىرانسىيە خەلقىنىڭ ماكروننى قوللاش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كەتتى
فىرانسىيە خەلقىنىڭ پىرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكروننى قوللاش نىسبىتى يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە % 3 تۆۋەنلەپ، % 18 كە چۈشۈپ قالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «يوگوۋ» ناملىق تەتقىقات شىركىتىنىڭ « CNews » ۋە « The Huffpost » ئۈچۈن ئېلىپ بارغان راي سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، نامايىشچىلارنىڭ يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشى بىلەن باشلىنىپ، ماكرون ھۆكۈمىتىگە قارشى غەزەپ – نەپرەتكە ئايلىنىپ كەتكەن نامايىشلار، پىرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكروننىڭ نوپۇزىغا ئېغىر زىيان يەتكەن.
28 – 29 – نويابىر كۈنلىرى 6 مىڭ كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشقا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى ئايدىكى % 21 بولغان خەلقنىڭ ماكروننى قوللاش نىسبىتى % 3 تۆۋەنلەپ، % 18 كە چۈشۈپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن، يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە خەلقنىڭ ماكروننى قوللاش نىسبىتى % 7 تۆۋەنلەپ كەتكەن.
ماكروندىن باشقا يەنە، خەلقنىڭ باش مىنىستىر ئېدوئۇئارد پىلىفېنى قوللاش نىسبىتىمۇ يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە % 6 تۆۋەنلەپ، % 21 كە چۈشۈپ قالغان.