گىرېتسىيە ئۇرۇش پاراخوتى سېتىۋېلىش ئۈچۈن خەلقتىن ئىئانە توپلايدۇ

گىرېتسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى پانوس كاممېنوس، گىرېتسىيە دېڭىز ئارمىيەسىگە يېڭى ئۇرۇش پاراخوتلىرى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىئانە ھېساباتى ئېچىپ، خەلقتىن پۇل توپلايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1102095
گىرېتسىيە ئۇرۇش پاراخوتى سېتىۋېلىش ئۈچۈن خەلقتىن ئىئانە توپلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېكلار، دېڭىزچىلارنىڭ قوغدىغۇچىسى، دەپ ئىشىنىدىغان «ئەۋلىيا نىكولا بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن پىرەدىكى دېڭىز ئارمىيە ئاكادېمىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا ئشىتىراك قىلغان كاممېنوس، گىرېتسىيەنىڭ ئاقدېڭىز دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر ئېنېرگىيە مەركىزى ۋە ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بۇ بىزنى، ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى قوغداش ۋە رايوندا بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيەسى كۈچىگە ئىگە بولۇشقا مەجبۇرلىماقتا» دېدى.

ئالدىمىزدىكى يىل ئىچىدە بۇ نىشانغا يېتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتكەن كاممېنوس، «لېكىن، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ چوڭ خەير-ساخاۋەتچىلىرىگە ۋە ئىئانە قىلغۇچىلىرىغا ئېھتىياجى بار. يېڭى ئۇرۇش پاراخوتلىرى ۋە ئادمېرال پاراخوتى سېتىۋېلىپ فىلومىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن گىرېك خەلقىنى ۋە پاراخوت پايچىكلىرىنى 2019 – يىلى 1 – يانۋاردا ئېچىلىدىغان بانكا ھېسابىغا ياتقۇزىدىغان پۇللار ئارقىلىق ئۆز ئېھتىياجلىرىنى قىسقارتىپ مىللىي خىزمەتلىرىمىزگە ھەمدەم بولۇشقا چاقىرىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، ئۆزىنىڭ تۇنجى بولۇپ مائاشىدىن بۇ ھېسابقا پۇل ياتقۇزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىقتىسادىي كىرىزىسنى يېڭىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان گىرېتسىيە، يىللىق 5 مىليارد ياۋرودىن ئارتۇق ھەربىي خىراجەت قىلىدۇ. مىللىي كىرىمىنىڭ %2.5 ىگە توغرا كېلىدىغان بۇ پۇل بىلەن گىرېتسىيە، ھەربىي خىراجەت جەھەتتە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو شەرتىنى ئورۇندىغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر