فىرانسىيەدە 700دىن ئارتۇق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

فىرانسىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن 700دىن ئارتۇق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

1102151
فىرانسىيەدە 700دىن ئارتۇق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە پىرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكرون ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، فىرانسىيە مىقىياسىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا ۋەقەلەردە 700دىن ئارتۇق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىغا تايىنىپ تۇرۇپ بەرگەن خەۋىرىدە، فىرانسىيە مىقىياسىدا ماكرون ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا 700دىن ئارتۇق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، 280 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش توختىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئوقۇغۇچىلار مۇشۇ دۈشەنبە كۈنىدىن بۇيان فىرانسىيەنىڭ نۇرغۇن شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.

ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى نامايىشلارنىڭ بىر مەھەل داۋاملىشىدىغانلىقى توغرىسىدا سىگنال بەردى.

ئالدىنقى كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار ئەسناسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە 32 ئوقۇغۇچى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانىدى.

پايتەخت پارىژدا ئەتە ئۆتكۈزۈلىدىغان سېرىق جىلەتكىلىكلەر نامايىشى سەۋەبلىك ماگزىنلار، رېستورانلار ۋە مۇزېيلارنىڭ تاقىۋېتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  

ئەتە فىرانسىيە مىقىياسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشلاردا 65 مىڭ ساقچى ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەسئۇللار ئەتىكى نامايىشلاردا ئۆتكەن ھەپتىكى سېرىق جىلەتكىلىكلەر نامايىشلىرىدا يۈز بەرگىنىدەك دۇكانلارنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىشىدىن، بىنا ۋە ئۆيلەرنىڭ دېرىزىلىرىنىڭ چېقىلىشىدىن، ماشىنا ۋە بىنالارغا ئوت قويۇۋېتىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.

فىرانسىيەدە يېقىلغۇ باھالىرىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ۋە ئىقتىساد شارائىتنىڭ ناچارلىشىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە 17-نويابىردا پارىژدا باشلىغان سېرىق جىلەتلىكلەر نامايىشلىرى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كېڭىيىپ كەتتى.

پايتەخت پارىژنىڭ كەمپس-ئېلېيسېس كوچىسىدا  1-دېكابىردا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا مىڭلارچە ماشىنا ۋە ئەخلەت ساندۇقى كۆيدۈرۈلۈپ، نۇرغۇن ماشىنا ۋە بىنانىڭ دېرىزىلىرى چېقىۋېتىلدى.

نامايىشلار باشلىغاندىن بۇيان 3 ئادەم ئۆلۈپ 222ساقچى بولۇپ جەمئىي 1043 ئادەم يارىلاندى، 1424 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

سېرىق جىلەتكىلىكلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ يېقىلغۇ باھاسىنى ئۆستۈرۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈشى  نەتىجىسىدە، ھۆكۈمەت يېقىلغۇ باھاسىنى ئۆستۈرۈش قارارىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر