ب د ت ئامېرىكىنىڭ ھاماس تەكلىپىنى رەت قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھاماسنى ئەيىبلەش تەلەپ قىلىنغان ۋە ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم تىلغا ئېلىنمىغان قانۇن تەكلىپى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى تەرىپىدىن رەت قىلىندى.

1102549
ب د ت ئامېرىكىنىڭ ھاماس تەكلىپىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن 193 ئەزادىن تەشكىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىگە سۇنۇلغان قانۇن تەكلىپىنى 87 دۆلەت قوللاپ، 58 دۆلەت رەت قىلىپ ئاۋاز بەردى، 32 دۆلەت ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى. شۇنىڭ بىلەن،  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھاماسنى ئەيىبلەش تەلەپ قىلىنغان ۋە ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم تىلغا ئېلىنمىغان قانۇن تەكلىپى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان بولدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى تىلغا ئېلىنمىغان قانۇن تەكلىپى، «ھاماس» ۋە «پەلەستىن ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتى» نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق گۇرۇپپىلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە خاتىمە بېرىلىشى، ھاماس ئىقتىسادىي مەنبەلەرنى خەلقنىڭ ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلماي، ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھاماسنىڭ ئەيىبلىنىشىنى  نىشان قىلاتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھېيلى، قانۇن تەكلىپىنىڭ ئاۋازغا قويۇلۇش ھارپىسىدا بەرگەن باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھازىرغىچە كەم دېگەندە 500 قېتىم ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئاتىغان ھاماسنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلدى ھەم قانۇن تەكلىپىنى قوللىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئىسرائىلىيەگە قارشى دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيە تۇتۇش بىلەن ئەيىبلىگەن ھېيلى، «سىلەر قارىغاندا ئىسرائىلىيەدىن قاتتىق نەپرەتلىنىدىغان بولغاچقا،  پەلەستىن خەلقىگىمۇ زىيان يەتكۈزگەن تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللاۋاتقاندەك قىلىسىلەر» دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ قارارلىرى، «تەۋسىيە» خاراكتېرلىك بولۇشىغا ۋە قانۇنىي جەھەتتىن ئىجرا قىلدۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولماسلىقىغا قارىماي، سىياسىي جەھەتتىكى كۈچى سەۋەبىدىن خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن جىددىي قارىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر