ناتودىن رۇسىيەگە چاقىرىق

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيەنى ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو قوراللىرى كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشقا چاقىردى.

1100651
ناتودىن رۇسىيەگە چاقىرىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا 29 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «رۇسىيەنى قايتىدىن ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو قوراللىرى كېلىشىمىگە تولۇق رىئايە قىلىشقا چاقىرىمىز، چۈنكى بۇ كېلىشىمنى قوغداش رۇسىيەنىڭمۇ مەجبۇرىيىتىدۇر. ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو قوراللىرى كېلىشىمى ئارقىلىق ئۇدا 30 يىلدىن بۇيان  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىكى قوغدالماقتا، ئىتتىپاقداشلارنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە روياپقا چىقارغان يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى كېلىشىمنى دەپسەندە قىلماقتا ھەم ياۋروپا – ئاتلانتىك رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىتن سالماقتا. ناتو ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ كېلىشىمنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىغا قارىتا قاراشلىرىنى قوللايدۇ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر رۇسىيەگە كۆپ قېتىم ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن موسكۋا ھۆكۈمىتى بۇ ئەندىشىلەرنى ئىنكار قىلىش ۋە نىيىتىنى يوشۇرۇش سىياسىتى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرماقتا. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كېلىشىمگە تولۇق رىئايە قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، رۇسىيەنىڭ كېلىشىمنى داۋاملىق دەپسەندە قىلىشىغا قاراپ تۇرغىلى بولمايدۇ. دەرۋەقە، رۇسىيەنىڭ كېلىشىمنى دەپسەندە قىلىشى ياۋروپا – ئاتلانتىك رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش پوزىتسىيەنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىرادىسى قەتئىيدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر