<تۈرك ئېقىمى> لايىھەسى پائالىيەتلىرى

لايىھەسى پائالىيەتلىرى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.

1098479
<تۈرك ئېقىمى> لايىھەسى پائالىيەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «تۈرك ئېقىمى» تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ دېڭىزدىن ئۆتىدىغان قىسمى تاماملاندى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز بۇ ھەپتىكى پىروگراممىمىزدا،  «تۈرك ئېقىمى» لايىھەسى پائالىيەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى باسقۇچى ۋە تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە بولغان تەسىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.  

نۆۋەتتە بىز باشتىن كەچۈرۈۋاتقان كۈنلەر تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ يېڭى يۆنىلىشىگە كۆرسىتىدىغان ئۈچ تۈرلۈك مۇھىم ھادىسىگە سەھنە بولماقتا. بۇنىڭ بىرىنچىسى، «تۈرك ئېقىمى» دەپ ئاتالغان ئورتاق تۈركىيە – رۇسىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ دەسلەپكى قىسمىنىڭ تاماملىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكەن كۈنلەردە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدۇر.  ئىككىنچىسى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن ئېلىپ بارغان كەڭ دائىرىلىك سۆھبىتىدۇر. ئۈچىنچىسى بولسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ ئەنقەرە زىيارەتلىرى ۋە تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى توغرۇلۇق  تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىدۇر. بىرقانچە كۈن ئارىلىقتا ئىشقا ئاشقان بۇ ئۈچ تۈرلۈك ئۆزگىرىش، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ «كۆپ يۆنىلىشلىك» خاراكتېرىنىڭ نامايەندىسىدۇر.

تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ كۈندىلىك يۆنىلىشىنى، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە «تەرەققىي قىلىش»، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە «نورماللىشىش»، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە «مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» تەرىقىسىدە خۇلاسىلەش مۇمكىن.

«تۈرك ئېقىمى» تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ دېڭىزدىن ئۆتىدىغان قىسمى يېقىندا تاماملاندى. «تۈرك ئېقىمى» تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى تۈركىيەنىڭ يېڭى خەلقئارالىق سىياسىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ۋە يېڭى ئۇپۇقلارنىڭ خەۋەرچىسى ھېسابلىنىدۇ.

لايىھەنىڭ دېڭىزدىن ئۆتۈشى بىلەن تۈركىيە ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە رۇسىيە – ئۇكرائىنا ياكى رۇسىيە – رۇمىنىيە/بۇلغارىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگۈسى كىرىزىسلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە غەرب ئەللىرى قوش ئۆلچەملىك سىياسەتنى يولغا قويۇۋاتقان تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورناتماقتا. جۈملىدىن، خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر «تۈرك ئېقىمى» لايىھەسى ئۈچۈن زېمىن ھازىرلاپ بەرمەكتە. «تۈرك ئېقىمى» لايىھەسى تۈركىيەنىڭ تەبىئىي گاز تەمىناتىنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالىتىدۇر، لېكىن، لايىھەنىڭ ئېنېرگىيە تەلىپىنى سەرخىللاشتۇرۇش ھەسسىسى چەكلىكتۇر. تۈركىيە ئېنېرگىيەنىڭ % 72 نى ئېكسپورت قىلىىدىغان دۆلەت بولۇپ، تەبىئىي گاز جەھەتتىن رۇسىيەگە بېقىندىلىق نىسبىتى خۇسۇسىي كارخانىلار بىلەن قوشقاندا % 42، خۇسۇسىي كارخانىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا % 29 ئەتراپىدا.

«تۈرك ئېقىمى» لايىھەسى تۈركىيەنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئېنېرگىيە تەمىناتىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە ئېنېرگىيەنىڭ مەركىزى ۋە تىرانزىت دۆلەت بولۇش نىشانلىرىغا يېتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.  بۇ لايىھە ئارقىلىق تۈركىيە رۇسىيەدىن قوشۇمچە تەبىئىي گاز ئالمايدۇ، پەقەت ئالغان تەبىئىي گاز لىنىيەسىنىلا ئۆزگەرتىدۇ. «تۈرك ئېقىمى» ئارقىلىق ياۋروپاغا كېتىىغان تەبىئىي گازنىڭ تۈركىيە تېرروتېرىيەسىدىن ئۆتىدىغان بولۇشى، تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيەنىڭ مەركىزى بولۇش ئىستىراتېگىيەسىگە ھەسسە قوشىدۇ. رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گازىنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا «تۈرك ئېقىمى» ۋاسىتىسى ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغان بولۇشى، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىمۇ ئېنېرگىيە ئارقىلىق يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى، دېيىش مۇمكىن.

«تۈرك ئېقىمى» لايىھەسى رۇسىيەنىڭ تۈركىيەگە ئىشىنىدىغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. «تۈرك ئېقىمى» ئېنېرگىيە يۆتكەشتە يېڭى ئۆتۈش ئېغىزلىرىنى بەرپا قىلىش ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىش جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيەنىڭ تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولىدىغان «<ئاققۇيۇ> يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى» قۇرۇلۇشىنى رۇسىيەگە ئائىت بىر ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ  ھۆددىگە ئېلىشىمۇ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرگە يېڭى شەكىل قازاندۇرماقتا.

تۈركىيە يېقىنقى مەزگىللەردە يەر شارى خاراكتېرلىك مۇھىم ئېنېرگىيە لايىھەلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئېنېرگىيەنىڭ مەركىزى بولۇش مەسىلىسىدە «تۈرك ئېقىمى» لايىھەسى بىلەن بىرلىكتە مۇھىم بىر باسقۇچقا قەدەم قويماقتا. تۈركىيە ھەم «تۈرك ئېقىمى» ھەم «ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى» ھەمدە «ترانس – ئادرىياتىك تۇرۇبا لىنىيەسى » لايىھەلىرى ئارقىلىق ئېنېرگىيە تەمىناتى مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ مۇھىم ئاكتىيورلۇق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، يەر شارى خاراكتېرلىك ئېنېرگىيە خەرىتىسىدە ئىستىراتېگىيەلىك سەۋىيەگە يېتىدۇ.

ئېنېرگىيەنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك سىياسەتتىكى ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك پۇل – مۇئامىلە ھەم ئىقتىسادىي بازارلاردىكى ئورنى ناھايىتى مۇھىمدۇر. تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيەنىڭ مەركىزى بولۇش يولىدا تاشلىغان قەدەملىرى، ئەنقەرەنىڭ رايونلۇق كۈچتىن يەر شارى خاراكتېرلىك كۈچكە ئايلىنىش باسقۇچىدا مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن.

تۈركىيەنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك كۈچكە ئايلىنىش نىشانىغا يېتىش يولىدىكى ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلىنىش تىرىشچانلىقىغا پەقەت ئىقتىسادىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىنلا نەزەر تاشلىيالمايمىز. بۇ ئەھۋال ئەلۋەتتە تۈركىيەنىڭ نوپۇزىنى كۈچەيتىش دېگەن ئۇقۇمنىمۇ بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيە ئۆزىگە خاس جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى بىلەن ئېنېرگىيە سودىسىنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىدۇ. بىراق، تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيەنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىش ئىستىراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاساسلىق نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تەلەپتىنمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تەبىئىي گاز ۋە بايلىق مەنبەلىرىگە ئېھتىياجى باردۇر.

تۈركىيە نۆۋەتتە رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گازى بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى «كۆك ئېقىم» ۋە «ترانس بالقان» تۇرۇبا لىنىيەلىرى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرماقتا. تۈركىيە «تۈرك ئېقىمى» لايىھەسى ئارقىلىق مەنبە ئەمەس، ئەكسىچە تەبىئىي گاز مەنبەلىرىنىڭ ئۆتۈش ئېغىزلىرىنى سەرخىللاشتۇرماقتا. تۈركىيە كەلگۈسىدە ئېنېرگىيە لىنىيەلىرىنىڭ ئۆتۈش ئېغىزلىرى مەسىلىسىدە تېخىمۇ ئاكتىپ سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشى لازىم. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيە پەقەت ئۆزىنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك.

يىغىپ ئېيتقاندا، «تۈرك ئېقىمى» تۈركىيەنىڭ مىللىي ئېنېرگىيە ئىستىراتېگىيەسىنى كۈچەيتىش يولىدىكى مۇھىم قەدەملىرىدىن بىرىگە ئايلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر