ئامېرىكادا مەزلۇم مىللەت ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىندى

ئىنسان ھەقلىرى ئورگانلىرىدىن بولغان خەلقئارا قانۇن ۋە سىياسەت ئورگىنى بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا سالغان زۇلۇملىرى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى.

1099194
ئامېرىكادا مەزلۇم مىللەت ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرمانىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا سالغان دەھشەتلىك زۇلۇملىرىنى ئىسپاتلات بېرىدىغان يەنە بىر دوكلات ئېلان قىلىندى.

ئامېرىكادىكى ئىنسان ھەقلىرى ئورگانلىرىدىن بولغان خەلقئارا قانۇن ۋە سىياسەت ئورگىنى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات خىزمىتىدە، ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشىنىڭ قۇربانى بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان دەلىللەرنىڭ تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ۋەزىپە تاپشۇرۇلغان خەلقئارا قانۇن ۋە سىياسەت ئورگىنى، نەچچە ئاي داۋاملاشقان تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات نەتىجىسىدە بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ  ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا سالغان ۋەھشىيەلەرچە زۇلۇملىرى تېمىغا قىلىنغان «كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلار ۋە قانۇن ئانالىزى» ناملىق دوكلاتنى ئېلان قىلدى.

تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلار دائىرىسىدە 2016-يىلى ئۆكتەبىردىن كېيىن ئاراكان ئۆلكىسىنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولغان مىڭدىن ئارتۇق مۇساپىر بىلەن سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن مۇساپىرلار  ئاراكاندا كوچىغا چىقىش چەكلىمىلىرى، پىكىر ۋە مەتبۇئات چەكلىمىسى، مال-مۈلۈكلەرنى خالىغانچە مۇسادىرە قىلىش، نىكاھ ۋە ئائىلە چەكلىمىلىرى، دىنى ، سىياسىي ۋە ئىقتىسادى بېسىملار، زوراۋنلىق قىلمىشلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، باسقۇنچىلىق قاتارلىق ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتا يىللارچە داۋاملاشقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرى سادىر بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكلاتتا بىرما ئارمىيەسىنىڭ 2012-يىلى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغانلىقى، 2017-يىلىغا كەلگەندە ھۇجۇمنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

بىرما ئارمىيەسى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغاشتىن ئىلگىرى، ئاراكاندا ھەربىي ۋە ساقچى سانىنىڭ ئاشۇرۇلغانلىقى ۋە باشقا ئېتنىك توپلۇقلارنىڭ  باشقا رايونغا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: «بىرما ئارمىيەسى ئاراكانلىقلارغا قەتئىي رەھىم قىلمىغان، سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن 1024 ئاراكانلىقنىڭ %20سى بىرما ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇملىرىدا  يارىلانغان بولسا، تەخمىنەن %70نىڭ ئۆيلىرى ياكى يېزىلىرى يوق قىلىنغان، %80ى ئائىلە ئەزالىرى،دوستلىرى ۋە يېقىن-يورۇقلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە شاھىت بولغان.»

دوكلاتتا بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىنىڭ  ئەتراپلىق پىلانلانغان سىستېمىلىق ئىش ئىكەنلىكى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى مۇداپىئەسىز ھالغا كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بىرمادىن قوغلاپ چىقارغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «بىرما ئارمىيەسى نۇرغۇن جەسەتنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان، نۇرغۇن كىشىنى بىراقلا كۆمۈۈۋەتكەن، بەزى جەسەتلەرنى قۇدۇقلارغا ۋە دەريالارغا تاشلىۋەتكەن.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2017-يىلى 25-ئاۋغۇستتىن كېيىن ئاراكاندىكى بېسىم ۋە زۇلۇمدىن قېچىپ باڭلادېشتىن پاناھلىق تىلىگەنلەرنىڭ سانى 725مىڭغا يەتكەن. خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى بىلەن ئاراكاندا يۈزلەرچە يېزىنىڭ يوق قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققانىدى.

ب د ت ۋە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى «ئېتنىك تازىلاش» ياكى «ئىرقىي قىرغىنچلىق»دەپ ئاتىماقتا.

ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولمىغان ئەھۋالدا، يۇرتلىرىغا قايتىپ كەتسە قايتا ئىرقىي قىرغىنچلىققا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر