تالىباننىڭ قوماندانلىرىدىن ئابدۇل مانان ئۆلتۈرۈلدى

ھېلماند ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئۆمەر زۇۋاق ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، ئابدۇل ماناننىڭ ھېلماند ئىشتاتىنىڭ نەۋزات ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1099238
تالىباننىڭ قوماندانلىرىدىن ئابدۇل مانان ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، تالىباننىڭ قوماندانلىرىدىن ئابدۇل مانان ئۆلتۈرۈلدى. ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نەجىپ دانىش ئابدۇل ماناننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ، تالىبانغا بېرىلگەن چوڭ زەربە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى ئۆتكەن ئاي (نويابىر) دا ئېلان قىلغان باياناتىدا، تالىبانغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە كۆرۈلگەن زىيانلارنى تىلغا ئېلىپ: «تالىبان غەلىبە قىلغان ئەھۋالدا ئەمەس» دېگەن ئىدى.

ئۇ ئافغانىستان ئارمىيەسىنىڭ تالىبان بىلەن بولغان توقۇنۇشلاردا 2015-يىلدىن تارتىپ 28 مىڭ 529 ئەسكىرىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇقىم نۇقتىلارغا قىلىنغان ھۇجۇملاردا جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئافغانىستان ھاۋا قىسىملىرى بىلەن ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ داۋاملىق تالىباننىڭ قولىدىن زېمىن قايتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئافغانىستاندا 17 يىلنى ئارقىدا قالدۇرغان ئىچكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئالىي تىنچلىق شۇراسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دىن مۇھەممەد، ئامېرىكانىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خالىلزاد تالىبان دائىرىلىرى بىلەن ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشۈپ، چەت ئەل قىسىملىرىنىڭ چېكىنىشى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئەشرەف غېنى تالىبان بىلەن تىنچلىق ئۇچرىشىشلىرىنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن قۇرۇلىدىغان يارىشىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى بېكىتىش مەقسىتىدە پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە سىياسەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر