نىگېرىيەدە بىر يولۇچىلار كېمىسى چۆكۈپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

نىگېرىيەنىڭ شىمالىدا بىر يولۇچىلار كېمىسى چۆكۈپ كېتىپ بالىلار بولۇپ جەمئىي 19 ئادەم قازا قىلدى.

1099200
نىگېرىيەدە بىر يولۇچىلار كېمىسى چۆكۈپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ شىمالىدا بىر يولۇچىلار كېمىسى چۆكۈپ كېتىپ 19 ئادەم قازا قىلدى.

نىگېرىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى «نەن»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نىگېر دەرياسىدا 21 يولۇچىنى ئېلىپ ماڭغان بىر كېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە كۆپ قىسمى بالا بولۇپ 19 ئادەم قازا قىلغان.

ئىزدەش قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە 2 بالا قۇتقۇزۇپ قېلىنغان.

كۋارا ساقچى ئىدارىسى  باشلىقى ئاجايى ئاكاسانمى كېمىنىڭ نورمىدىن كۆپ يولۇچى ئېلىپ ماڭغانلىقىنى بىلدۈردى.

نىگېرىيەدە ھۆل-يېغىن پەسلىدە دەريالاردا پات-پات كېمە پاجىئەلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.


خەتكۈچ: #نىگېرىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر