پارىژ كوچىلىرى «ئۇرۇش»مەيدانىغا ئايلىنىپ كەتتى

فىرانسىيەدە يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1098713
پارىژ كوچىلىرى «ئۇرۇش»مەيدانىغا ئايلىنىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن «سېرىق جىلەتكىلىكلەر»نىڭ ئۈچىنچى دولقۇن ھەرىكىتى باشلىدى.

پايتەخت پارىژ ۋە ئەتراپىدىكى نۇرغۇن شەھەردە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى، ساقچىلار نامايىشچىلارنى ياش ئاققۇزۇش بومبىلىرى ۋە بېسىملىق سۇ قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ بېسىقتۇرماقچى بولدى.

فىرانسىيەدە «سېرىق جىلەتكىلىكلەر»نامى ئاستىدا تەشكىللەنگەن نامايىشچىلار، كېيىنكى 1 يىل ئىچىدە يېقىلغۇ باھاسىنىڭ %20 ئۆستۈرۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقستىدە، فىرانسىيە مىقىياسىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.  

تۈنۈگۈن پايتەخت پارىژدىكى چوڭ مەيدانغا يىغىلغان نامايىشچىلار كەڭ كۆلەملىك نامايىشقا تەييارلىق قىلىشتى.

600گە يېقىن نامايىشچى ساقچىلارنىڭ توساقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتمەكچى بولغاندا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا جېدەل چىقتى.

ساقچىلار نامايىشچىلارغا بېسىملىق سۇ ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىلىرى ئىشلەتتى.

نامايىشچىلار ئەتراپتىكى نۇرغۇن جايغا ئوت قويۇۋېتىپ، ساقچىلارغا تاش ۋە بوتۇلكىلار ئاتتى.

فىرانسىيە تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، پارىژدىكى نامايىشلاردا 115 نامايىشچىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، 6 ساقچى بولۇپ جەمئىي 20 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

فىرانسىيە باش مىنىستىرى ئېدوۋارد فىلىپ بايانات بېرىپ، پارىژدىكى نامايىشقا تەخمىنەن 5500 ئادەمنىڭ قاتناشقانلىقىنى، نامايىشچىلارنىڭ ئەمەس ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

نامايىشلاردا سادىر بولغان زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىگەن باش مىنىستىر فىلىپ، ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نامايىشلاردا پارىژنىڭ مەشھۇر كوچىلىرىدىكى نۇرغۇن ئىش ئورنى زىيانغا ئۇچرىدى، فىرانسىيە مىقىياسىدىكى نۇرغۇن يېقىلغۇ ئورۇنلىرى بىلەن ئىسكىلاتلارنىڭ كىرىش ۋە چىقىش ئېغىزلىرىدا نۆۋەت تۇتۇلدى.

كەمپس-ئېلىيسېس كوچىسىدىكى نۇرغۇن رېستوران، قەھۋەخانا ۋە ماگىزىن تاقالدى، نامايىشلار سەۋەبىدىن پارىژدىكى نۇرغۇن كوچا ۋە چوڭ يول قاتناشقا توسۇۋېتىلگەندىن سىرت، يەر ئاستى پويىز سەپەرلىرىمۇ توختىتىۋېتىلدى.

بىخەتەرلىك كۆزدە تۇتۇلۇپ كەمپس ئېلىېسېس كوچىسى ئەتراپىدىكى تىياتىرخانا ۋە مۇزيېلارمۇ زىيارەتچىلەرگە تاقىۋېتىلدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بۇيان يولغا قويغان ئىسلاھات سىياسەتلىرىنىڭ بايلارنى تېخىمۇ باي قىلىش، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن تەبىقە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە.

فىرانسىيەدە ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشقا كۆرە، فىرانسىيەلىكلەرنىڭ %84ى بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللىگەن «سېرىق جىلەتكىلىكلەر»نى قوللايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر