ئامېرىكا مېكسىكا ۋە كانادا بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مېكسىكا ۋە كانادا بىلەن 1.2 تىرىليون دوللارلىق سودا كېلىشىمى تۈزدى.

1098491
ئامېرىكا مېكسىكا ۋە كانادا بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارگېنتىنانىڭ پايتەختى بۇئېنۇس ئايرېستا چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، مېكسىكا ۋە كانادا ئوتتۇرىسىدا 1.2 تىرىليون دوللارلىق سودا كېلىشىمى ئىمزالاندى.

 1994 – يىلدىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ۋە ۋاشىنگتون بۇلتۇر قايتىدىن مۇزاكىرىگە ئاچقان شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدىغان كېلىشىم، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو ۋە مېكسىكا پىرېزىدېنتى ئېنرىچۇ پېنا نىئېتو تەرىپىدىن ئىمزالاندى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىمزا مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «بۇ تارىختىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ زامانىۋى ئەڭ تەڭپۇڭ كېلىشىم بولۇپ، دۆلەتلىرىمىزگە يەتكۈزىدىغان پايدىلىرى ناھايىتى چوڭ ھەم ناھايىتى كۆپتۇر.»

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو، كېلىشىم ئارقىلىق سودا جەھەتتىكى تۇراقسىزلىقلارغا خاتىمە بېرىلىدىغانلىقىنى، كېلىشىمنىڭ كانادانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقىم ھالەتتە داۋاملىشىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە ترامپتىن پولات ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىشنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

1 – دېكابىر كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان مېكسىكا پىرېزىدېنتى نىئېتو، ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېڭى سودا كېلىشىمىنى ئىمزالىغانلىقىدىن ئۆزىنى تولىمۇ شەرەپلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ كېلىشىم ئۈچ دۆلەتنىڭ پاراۋانلىق ۋە باياشاتلىق ئىچىدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا قارىتا ئورتاق ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۈگۈن ئوخشىمىغان ئارتۇقچىلىقلىرىمىز ۋە ئالاھىدىلىكلىرىمىزنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈشكە زېمىن ھازىرلاپ بېرىدىغان مۇزاكىرىلەر ئاساسىدا داۋاملىشىدىغان ئۇزۇن سەپەرنىڭ مۇھىم تۈگۈنى ھېسابلىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر