ئەنگلىيە باش ۋەزىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننى تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىردى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى جىنايىتىنى تەكشۈرۈش مەسىلىسىدە تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن تولۇق ھەمكارلىشىشقا چاقىردى.

1098440
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننى تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، مېي تۈنۈگۈن ئارگېنتىنادا چاقىرىلغان  20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشكەندە، جامال قاشىقچى جىنايىتىنى تەكشۈرۈش مەسىلىسىدە تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن تولۇق ھەمكارلىىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، بۇ جىنايەت بىلەن چېتىشلىقى بار جاۋابكارلارنىڭ قانۇن ئالدىدا ھېساب بېرىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنداق قورقۇنۇچلۇق ۋە ئېچىنىشلىق جىنايەتنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندىن تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلىشىنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار  ۋەزىرى جېرېمى ھانتنىڭ 12 – نويابىر كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان زىيارىتىدىن كېيىن، بۇ دۆلەتنىڭ جامال قاشىقچى جىنايىتى مەسىلىسىدە تاشلىغان قەدەملىرىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالغان.

باش ۋەزىر مېي يەنە، 24 – ئۆكتەبىر كۈنى پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ  جامال قاشىقچى جىنايىتىنى ئېنىقلاپ چىقىش مەسىلىسىنىڭ مۇھىملىقىنى  تىلغا ئالغانلىقىنى قەيت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەمەندىكى توقۇنۇشقا دەرھال خاتىمە بېرىلىشى ۋە ئاچارچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان مىليونلارچە ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن، ئەنگلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ۋەكىلى مارتىن گرىففىسنى قوللىشىنى ۋە ستوكھولمدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان مۇزاكىرىلەردە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنىشنى تەلەپ قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر