ئامېرىكا يەمەن خەلقىگە زور مىقداردا ئاشلىق ياردەم قىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قىيىن ئەھۋالدا قالغان يەمەن خەلقىگە ئاشلىق ياردەم قىلدى.

1097756
ئامېرىكا يەمەن خەلقىگە زور مىقداردا ئاشلىق ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەمەن خەلقىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش تۈپەيلى ئېغىر بۆھرانغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەمەنگە قوشۇمچە ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يەمەنگە2018-يىلى ئىچىدىلا 679 مىليون دوللارلىق ئاشلىق ياردەم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەمەن خەلقنىڭ ئىچكى ئۇرۇش تۈپەيلى ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، يەمەنگە زور تۈركۈمدە ئاشلىق ئەۋەتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

يەمەندە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننى زور مىقداردا قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىگەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يەمەندە ئۇرۇش قىلىۋاتقان تەرەپلەرنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىرىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.  

شىئە ھۇسىيلار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملار قوللاپ كېلىۋاتقان يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا ئۈچ يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان توقۇنۇشلاردا مىڭلارچە ئادەم ئۆلدى.

سەھىيە ساھەسى بولۇپ نۇرغۇن ساھەدە ئېغىر بۆھرانلارغا دۇچ كېلىۋاتقان يەمەندە پاكىز سۇنىڭ ئازلىقى، ئوزۇق-تۈلۈكنىڭ يېتىشمەسلىكى، دورا ۋە مىدېتسىنا بۇيۇملىرىنىڭ كەملىكى قاتارلىقلار تۈپەيلى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كۈندىن-كۈنگە يامرىماقتا.

يەمەننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالى،  ئامېرىكانىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى ھەربىي جەھەتتىن قوللاپ كېلىشى ۋە بۇ دۆلەتلەرنى قورال-ياراغلار بىلەن تەمىنلىشى قاتارلىقلار ئامېرىكىلىق سىياسەتچىلەر ئىچىدىمۇ ئەندىشىلەر پەيدا قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر