ئەرەبىستان شاھزادىسى ھىندىستان باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان ئارگېنتىنادا ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى بىلەن كۆرۈشتى.

1098053
ئەرەبىستان شاھزادىسى ھىندىستان باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئارگېنتىنانىڭ پايتەختى بۇئېنۇس ئايرېسقا بارغان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، سىياسەت، خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد، سېلىنما، يېزا – ئىگىلىك ۋە ئېنېرگىيە ساھەلىرى بويىچە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھىندىستاننىڭ نېفىت مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قامداش ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مىللىي نېفىت شىركىتى سەئۇدى ئارامكونىڭ بۇ يەرگە مەبلەغ سېلىش ئىمكانىيەتلىرى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلغان ئۇچرىشىشنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى جىنايىتى تۈپەيلى نارازىلىقلارغا دۇچ كەلگەن ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ ئارگېنتىناغا بېرىشتىن ئىلگىرىكى ئەرەب ئەللىرى زىيارىتى رايون ۋە خەلقئارادا دەتالاش پەيدا قىلغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى 2018 – يىلى 2 – ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر