ئەنگلىيە باش ۋەزىرى مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشىدىغان بولدى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي ئارگېنتىنادىكى گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلەر يىغىنى جەريانىدا سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1098281
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشىدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىرېسا مېي گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۇچۇن ئاگېنتىناغا كېتىۋاتقان ئايروپىلانىدا مۇخبىلارغا بايانات بەردى.

يىغىن جەريانىدا سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن تىرېسا مېي: «دەيدىغان گىپىم ئىنتايىن ئېنىق. بۇ جەمال قاشىقجى ۋە يەمەن مەسىلىسى ھەققىدە دائىم بىز قىلىپ كېلىۋاتقان سۆز بولىدۇ» دېدى.

تىرېسا مېي جەمال قاشىقجى جىنايىتىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرگە قاراتقان ھالدا: «شۇنىسى روشەنكى، جەمال قاشىقجى ۋەقەسى ھەققىدە پۈتۈنلەي ئۇچۇق يورۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، جاۋابكارلاردىن ھېساب ئېلىنىشىنى كۈتىۋاتىمىز» دېدى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي يەمەن مەسلىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، يەمەنكى ئىنسانىي كىرىزىستىن قاتتىق ئازابلانغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر ھەل قىلىش چارىسى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ 2ئۆكتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا شېرىكلىرىمىز بىلەن بۇنداق ۋەھشىيانە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى خەلقئارالىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ئىمكانلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتىمىز» دېگەن ئىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېرېمىي ھۇنتمۇ ئالدىنقى ھەپتە سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ، شاھزادە مۇھەممەدە بىن سەلمان ۋە پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇل ئەزىز بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر