ماكرون سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى بىلەن كۆرۈشىدۇ

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ئارگېنتىنادا چاقىرىلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1097898
ماكرون سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماكرون  دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ۋە ھەپتە ئاخىرىدا ئارگېنتىنادا چاقىرىلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان ئارگېنتىنانىڭ پايتەختى بۇئېنۇس ئايرېستا، ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى مائىكو ماكرى بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا ياۋروپا ئەللىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى جىنايىتى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ماكرون، جىنايەتكە ئالاقىدار بارلىق ھەقىقەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يىغىن جەريانىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، جامال قاشىقچى مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى تەكشۈرۈشلەرنىڭ جىنايەت ئېنىقلاپ چىقىلغانغا قەدەر داۋاملىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ باسقۇچقا داخىل بولۇشىنى تەلەپ قىلىمەن. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يەمەن مەسىلىسىدىكى ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ ئەڭ تېز شەكىلدە خەلققە يەتكۈزۈلۈشى، ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىلىشى ۋە سىياسىي باسقۇچنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىدۇر.»

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى 2 – ئۆكتەبىر كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر