ھىندونېزىيەدە نۇرغۇن مەھبۇسلار تۈرمىدىن قاچتى

ھىندونېزىيەنىڭ ئاچې ئۆلكىسىدە 113 مەھبۇس تۈرمىدىن قاچتى.

1097925
ھىندونېزىيەدە نۇرغۇن مەھبۇسلار تۈرمىدىن قاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹كومپاس› گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندونېزىيەنىڭ ئېچې ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شەھىرى باندا ئاچېدە 726 تۇتقۇن قېلىۋاتقان بىر تۈرمىدىن تۈنۈگۈن كەچتە يۈز بەرگەن پاتپاراقچىلىقتىن پايدىلىنىپ 113 مەھبۇس قاچقان. ۋەقەدىن كېيىن ئوخشىمىغان نۇقتىلاردا قولغا چۈشكەن قاچقۇن مەھبۇسلاردىن 20 سى تۈرمىگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن بولۇپ، قالغانلىرىنى ئىزدەش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، پاتپاراقچىلىقنىڭ سەۋەبى تېخىچە ئېنىق  ئەمەس بولۇپ، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر