ئاستانا يىغىنىدا سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقى تەكىتلەندى

تەرەپلەر ئاستانا يىغىننىڭ 2-كۈنىدە، يىغىن خىتابنامەسىنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسى ئۈستىدە كېلىشىش ئۈچۈن، ئايرىم ۋە ئۈچ تەرەپ يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزدى.

1097529
ئاستانا يىغىنىدا سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقى تەكىتلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران، قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن 11-قېتىملىق كاپالەتچى دۆلەتلەر يىغىنىدا، سۈرىيەدىكى ئىدلىب رايونىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ قىلمىشلاردىن ئەندىشە قىىلۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىشتا بىرلىكتە كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنى ئاشۇرۇشنى قارار قىلدى.

قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قايرات ئابدىراخمانوۋ، تۈركىيە، رۇسىيە، ئىران، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەيئەتلىرى ئۆزئارا ئۇچراشقان يىغىننىڭ ئاساسىي بۆلۈمىدە، يېپىلىش خىتابنامەسىنى ئوقۇدى.

خىتابنامەدە، تەرەپلەرنىڭ سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغداشنى تەكىتلىگەن ھالدا سۈرىيەدىكى دائېش، نۇسرا فىرۇنتى ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كىشىلەرگە زەربە بېرىشنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

كاپالەتچى دۆلەتلەر سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ قارار قىلىنغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن خىتابنامەدە، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى نىشان قىلغان بۆلگۈنچى ھەرىكەتلەرگە قارشى ئورتاق ئىرادىسىنى نامايان قىلىنىدىغانلىقلىرى قەيت قىلىندى.

تەرەپلەر، يىغىندا ئىدلىبتا 17-سېنتەبىر تۈزۈلگەن سوچى كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش كېرەكلىكى ئۈستىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىپ، ئىزچىل يۈز بېرىۋاتقان ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپ قىلمىشلاردىن پەيدا بولغان ئەندىشەلىرىنى تىلغا ئالدى. كاپالەتچى دۆلەتلەر ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپ قىلمىشلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلارنى ئاشۇرۇشنى قارار قىلدى. تەرەپلەر بۇنىڭ ئۈچۈن، تۈركىيە-رۇسىيە-ئىران ئورتاق كوردىناتسىيە مەركىزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى ۋە ئىدلىبتا ئۇرۇش توختىتىشنى قوغداشنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىش ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

تەرەپلەر سۈرىيەدە خىمىيەلىك قوراللارنى ئىشلىتىشنى كۈچلۈك ئەيىبلىگەنلىكلىرىنى، بۇ ھەقتىكى دوكلاتلارنىڭ خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش كېلىشىمى رامكىسىدا ۋە خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ نازارىتى ئاستىدا تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

كاپالەتچى دۆلەتلەر سوچىدىكى سۈرىيە مەملىكەتلىك كونگرەسىدە چىقىرىلغان قارارلارغا ماسلىشىپ، جەنۋەدە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى قۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈش ۋە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن سۈرىيەدىكى تەرەپلەرنى قوللاش قارارىنى چىقاردى.

24-نويابىردا تۈرمىگە سولانغانلاردىن ھەر تەرەپتىن 10 دىن كىشىنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن ئىجرا قىلىنغان لايىھەدىن مەمنۇن ئىكەنلىكلىرىنى تىلغا ئالغان تەرەپلەر، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۆكتىچىلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ئىشەنچنى كۈچەيتىدىغان تەدبىرلەر دائىرىسىدە، تۈرمىدىكىلەرنى قويۇپ بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى ياخشىلاشتا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.

كاپالەتچى دۆلەتلەر مۇساپىرلار بىلەن سۈرىيەدە يۇرت-ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىلغانلارنىڭ بىخەتەر ۋە ئۆزلىرى خالىغان ھالدا يۇرت-ماكانىغا قايتىشى ئۈچۈن زۆرۈر شەرتلەرنى شەكىللەندۈرۈش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يۇرت-ماكانىغا قايتىشى ئۈچۈن خەلقئارالىق كونفېرانس ئۇيۇشتۇرۇش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە، ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

12-قېتىملىق ئاستانا يىغىنى 2019-يىلنىڭ فېۋرال ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر