شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان ئارگېنتىنادا قولغا ئېلىنىشى ياكى سوتقا تارتىلىشى مۇمكىن

ئارگېنتىنا فېدېراتسىيە سودىيەسى سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى ھەققىدە خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى.

1097126
شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان ئارگېنتىنادا قولغا ئېلىنىشى ياكى سوتقا تارتىلىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارگېنتىنا فېدېراتسىيە سودىيەسى يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇشتا سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىملارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سەلمان ھەققىدە تۈركىيە، يەمەن، سەئۇدى ئەرەبىستان ئەدلىيەلىرىدىن ھەمدە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدىن ئەدلىيە ھەمكارلىقى تەلەپ قىلدى.

ئارگېنتىنا فېدېراتسىيە سودىيەسى ئارىئېل لىجو خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىملارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىگە دائىر ھۆججەتلىرىنى سۇنغانلىقىغا دائىر ئەدلىيە ھەمكارلىقى تەلەبنامىسىنى تۈركىيە، يەمەن ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا يوللىدى.

سودىيە ئارىئېل لىجونىڭ ئەدلىيە ھەمكارلىق تەلەبنامىسىنى يوللىشىنى تەلەپ قىلغان باش مۇپەتتىش رامىرو گونزالېزمۇ مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قارشى ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى ئىسپاتلانغان تەقدىردە، تۈركىيە، يەمەن ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۇنىڭ ھەققىدە دېلو تۇرغۇزۇلمىغان بولۇشىغا قارىماستىن، سەئۇدى ئەرەبىستان سىرتىدىكى دۆلەتلەردە سوت قىلىش شەرتلىرىنىڭ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ خەلقئارا سوت دائىرىسىدە ئارگېنتىنادا سوت قىلىنىدىغان ياكى قىلىنمايدىغانلىقى تېخىچە نامەلۇم.

ھازىرقى ۋەزىيەتتە سەلماننىڭ ئارگېنتىنا قولغا ئېلىنىشى ياكى سوتقا تارتىلىشى مۇمكىندەك كۆرىنىدۇ. 

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتىش تەشكىلاتى «HRW» ئارگېنتىنا فېردېراتسىيە مۇپەتتىشىگە سەلماننىڭ يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇشتا سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىملار ئارقىلىق سادىر قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەسپەندىچىلىكلىرىگە دائىر ھۆججەتلەنى يوللىغان ئىدى.

يوللانغان ئارخىپتا مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ جەمال قاشىقجى جىنايىتىدە ۋە بەزى سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقرالىرىنىڭ قېيىن قىستاققا ئېلىنىپ، ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ئىدى.

سەئۇدى ئەربىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ 2 - ئۆكتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلىشىگە دائىر تەنقىدلەرنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ كەلمەكتە. 

ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى «CIA» نىڭمۇ جەمال قاشىقجىنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنى مۇھەممەد بىن سەلمان بەگەن، دېگەن خۇلاسىگە كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر