كابۇلدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈنۈگۈن ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 10 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 29 ئادەم يارىلاندى.

1097157
كابۇلدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كابۇل جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باياناتچىسى باسىر مۇجاھىد، 5 ھۇجۇمچىدىن بىرىنىڭ ئاپتوموبىل بومبىنى كابۇلنىڭ دىسپىچەرى رايونىدىكى ئەنگلىيە خەۋپسىزلىك شىركىتى G4S نىڭ دەرۋازىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ھۇجۇمدىن كېيىن 4 ھۇجۇمچىنىڭ شىركەتكە كىرىپ خەۋپسىزلىك خادىملىرى بىلەن 10 سائەتكە يېقىن توقۇنۇشقاندىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇھاجىد، ھۇجۇمدا 10 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، چەت ئەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 29 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تالىبان ئۈستىگە ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر