ئىران بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى پۇل-مۇئامىلە مەسىلىسى ھەل بولدى
ئامېرىكا ئېمبارگولىرى سەۋەبلىك ئىران بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بانكىچىلىق ساھەسىدە كېلىپ چىققان مەسىلىلەر ھەل بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بانكىچىلىق ساھەسىدە كېلىپ چىققان مەسىلىلەر ھەل بولدى.
ئىران-خىتاي ئورتاق سودا ئۇيۇشمىسى باشلىقى ئەسەدۇللاھ ئەسگەروۋلادى، ئامېرىكا ئېمبارگولىرى سەۋەبلىك ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بانكىچىلىق ساھەسىدە كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئىراننىڭ يېرىم رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى تەسنىمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەسگەروۋلادى، 2-دېكابىردىن باشلاپ بىر خىتاي بانكىسىنىڭ ئىران بىلەن بانكىچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كېلەر ھەپتە خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان نېفىتتىن كېلىدىغان كىرىملارنىڭ بىر ئايدىن كېيىن ئىرانغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئەسگەروۋلادى، كېلەر ئايدا يەنە باشقا بىر خىتاي بانكىسىنىڭمۇ ئىران بىلەن پۇل-مۇئامىلە مۇناسىۋىتى ئورنىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكا ھاكىمىيىتىنى بۇ يىل 8-مايدا يادرو كېلىشىمىدىن چېكىندۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگولار دائىرىسىدە تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن سودا قىلىشىنىڭ چەكلىنىشى تۈپەيلى،بەزى خەلقئارا بانكىلار ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىدى.
ئىران-خىتاي ئورتاق سودا ئۇيۇشمىسى باشلىقى ئەسگەروۋلادى بۇ ئاينىڭ بېشىدا بايانات بېرىپ، ئامېرىكا ئېمبارگولىرى تۈپەيلى خىتاي بانكىلىرىنىڭ ئىران شىركەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى، شۇڭا خىتايغا نېفىت ئېكسپورت قىلىشنى توختىتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.