ياپونىيە 100 دانە ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىشنى پىلانلىماقتا
ياپونىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن يەنە 100 دانە F-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋالىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىككېي ئاسىيا رىۋىۋ گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە، خىتاينىڭ ھەربىي ساھەدە تاشلىغان قەدەملىرىگە جاۋابەن، كونىراپ كەتكەن F-15 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئورنىغا يەنە 100 دانە F-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، دېكابىر ئېيىنىڭ ئوتتۇرىسىدا دۆلەت مۇداپىئە پىلانىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، F-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىش قارارىنى ماقۇللىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
ياپونىيەنىڭ 2019 – 2023 – يىللىرى ئارىسىدا ئوتتۇرا مەزگىللىك مۇداپىئە پىلانى دائىرىسىدە نۆۋەتە 42 دانە F-35A تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىش نىيىتىنىڭ بارلىقى بىلىنەتتى.
F-35A تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن بىرگە B تىپلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى پىلانلىنىۋاتقان قوشۇمچە 100 ئايروپىلان، بىر تىرىليون يەندىن ئارتۇق خامچوت تەلەپ قىلىدۇ.
نۆۋەتتە ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ 200 ئەتراپىدا F-15 ئۇرۇش ئايروپىلانى بار.
مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ 2030 – يىلىغىچە 250 دىن ئارتۇق 5 – ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانىدىن بىر فىلو قۇرۇشىنى تەخمىن قىلماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.