ئۇكرائىنادا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىندى
ئۇكرائىنا پارلامېنتى، پىرېزىدېنت پېترو پوروشېنكونىڭ 30 كۈنلۈك ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان قارارنامەسىنى قوبۇل قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 330 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ 276 سىنىڭ قوللاپ بېلەت تاشلىشى بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن قارارنامەنىڭ روھىغا ئاساسەن، ھەربىي ھالەت 28 – نويابىر چارشەنبە كۈنى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 09:00 دىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە ۋە ترانسدىنيېستېر بىلەن چېگراداش رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى جايلىرىدا يولغا قويۇلىدىغان ھەربىي ھالەت تۈزۈمىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئاساسىي قانۇننىڭ ئوخشاش بولمىغان 11 ماددىسىدىكى بەزى ئاساسىي ھەق – ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرگە چەكلىمە قويۇشقا بولىدۇ.
چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان ھوقۇقلار ئارىسىدا تۇرالغۇلارغا چېقىلماسلىق ھوقۇقى، ئۇچۇر – ئالاقە ئەركىنلىكى، كىشى ۋە ئائىلە ھاياتىغا چېقىلماسلىق ھوقۇقى، تۇراقلىشىش ئەركىنلىكى، پىكىر – قاراش ئەركىنلىكى، سايلام ۋە ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش ھوقۇقى، يىغىلىش، نامايىش، نارازىلىق بىلدۈرۈش ھوقۇقلىرى، ئىقتىسادىي ۋە مائارىپ ھوقۇقى قاتارلىقلار بار.
25 – نويابىردا ئۇكرائىنانىڭ ئودېسسا پورتىدىن مارىئۇپول پورتىغا قاراپ يولغا چىققان ئۇكرائىنانىڭ 3 ئۇرۇش پاراخوتى، رۇسىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ئازاك دېڭىزىنىڭ كەرچ بوغۇزىغا يېقىن جايدا رۇسىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ مۇداخىلىسىگە ئۇچرىغانىدى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو، دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋە مۇداپىئە كېڭىشى يىغىنى چاقىرىپ، ھەربىي ھالەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا بىر قارارنامە ئىمزالىغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پۇتىن: ناتو بىلەن توقۇنۇش يۈز بېرىشى مۇمكىن
ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيە بىلەن ناتو ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 16 ئەسكەر ئۆلتۈرۈلدى
نىگېرىيەنىڭ دېلتا ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 16 ئەسكەر ئۆلتۈرۈلدى.