ترامپنىڭ كۈيئوغلى قورال سودىسى ھەققىدە بەزى مىنىستىرلىقلارغا بېسىم ئىشلەتتىمۇ؟

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كۈيئوغلى ۋە باش مەسلىھەتچىسى جۇرېد كۇشنېرنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا سېتىپ بېرىلىدىغان قورال ئومۇمىي سوممىسىنىڭ چوڭايتىپ كۆرسىتىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1095659
ترامپنىڭ كۈيئوغلى قورال سودىسى ھەققىدە بەزى مىنىستىرلىقلارغا بېسىم ئىشلەتتىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ «ABC News» قانىلىنىڭ، ئاق سارايدىن 3 كىشى بولۇپ، جەمئىي 5 ئامېرىكىلىق مەسئۇلنى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋىرىدە، جۇرېد كۇشنېرنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن قورال سودىسى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ چوڭايتىپ كۆرسىتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

كۇشنېرنىڭ قورال سودىسى ئومۇمىي سوممىسىنى چوڭايتىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىقى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىلىقىغا بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان مەسئۇللار، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىسنىڭمۇ كۇشنىرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۇرۇنىشلىرىنى قوللىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەنبەلەر يەنە، ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولۇشتىن قىسغىنە مەزگىل ئىلىگىرى 2017يىلى ماي ئېيىدا، كۇشنېرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنىدا، «سەئۇدى ئەرەبىستانغا مۇمكىن قەدەر كۆپ قورال سېتىشىمىز لازىم» دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشچە، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخمىنەن 15 مىليارد دوللارلىقلا قورال تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ساننى قانداق قىلىپ چوڭ كۆسىتىش تۇغرىسىدا كۇشنېر بىلەن مەسلىھەتلەشكەن. 

خەۋەرگە مەنبە كۆرسىتلىگەن مەسئۇللار، ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا پايتەخت رىيادتا 2017يىلى ماي ئىيىدا ئىمزالانغان 110 مىليارد دوللارلىق كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، بۈگۈنگە قەدەر تولىمۇ ئاز ۋە قىسقا بىر مۇساپە بېسىپ ئۆتۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئاران 14 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق تىك ئۇچار، تانكا، پاراخوت، قورال ياراق، تەربىيەلەش تەكلىپى ۋە قوبۇل قىلىنىشى قاتارلىق كېلىشىملەرنىڭ ئىمزانلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى ھەمدە بۇ 14 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق قورال سودىسىنىڭ تېخىچە تاماملانمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«ABC News» قانىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان مەزكۇر كېلىشىمنىڭ بىر پارچە رەسىمىنى قولغا چۈشۈردى ۋە بۇ كېلىشىمنىڭ قانۇنىي جەھەتتىكى ئىجرا كۈچىنىڭ ئىنتايىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەۋەردە يەنە، ئامېرىكا پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەت كېڭىشى ئەزاسى، دېموكراتچى داۋېد جىجىللايننىڭ بۇ ھەقىتىكى پىكىرلىرىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

داۋېد جىجىللاين جۇرېد كۇشنېرنىڭ زادى نېمە ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش كېلىشىمىگە دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى چوڭ كۆرسەتكەنلىكىنى ئاشكارىلاش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «پالاتا بۇ مەسىلىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرىشى لازىم ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىگە تېخىمۇ قاتتىق ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى لازىم. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەندە ئىنسانىيەتكە خىلاپ چوڭ بىر كىرىزىسكە يول ئاچقان پائالىيەتلىرىنى قوللاشنى توختىتىشى لازىم» دېدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ 2ئۆكتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىساننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا، رىيادتتىن كەلگەن بىر گۇرۇپپا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەربىستان مۇناسىۋەتلىرى قايتىدىن نۇقتىلىق تېمىغا ئايلانغان ئىدى.

بىراق ئامېرىكا ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى بۇزۇشنى خالىمايدىانلىقىنى ئىما قىلغان ۋە تىرامپ بۇ جەرياندا سەئۇدى ئەرەبىستانغا 110 مىليارد دوللارلىق قورال سېتىش بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئامېرىكىدىكى مەبلەغلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر