سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەنگلىيە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزمەكتە
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ھاۋا ئارمىيەلىرى تەرىپىدىن «يېشىل بايراق» ناملىق ئورتاق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈلمەكتە.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋەر ئاگېنتلىقى (SPA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيەسى تەرىپىدىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان «<پادىشاھ فەھ> ھاۋا ئارمىيەسى بازىسى» دا «يېشىل بايراق» ناملىق ئورتاق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، مانىۋېر تەخمىنەن ئىككى ھەپتە داۋاملىشىدىكەن.
پادىشاھ فەھد ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىنىڭ قوماندانى گېنېرال ھامىد ئەلئۆمەرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مانىۋېردىن مەقسەت، ئىككى دۆلەتنىڭ ھاۋا ئارمىيەلىرىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرۈش، ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش كۈچىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشتىن سىرت يەنە، ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تەجرىبە – ساۋاقلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىكەن.
ھەربىي مانىۋېر قوماندانى پولكوۋنىك خالىد يۈسۈفنىڭ ئېيتىشىچە، مانىۋېر جەريانىدا، ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش، قۇرۇقلۇق ئارمىيەلىرىگە ياردەم بېرىش ۋە قۇرۇقلۇقتىن كەلگۈسى تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق بىر قىسىم تاكتىكىلىق ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ھەربىي مانىۋېرغا 8 دانە « Typhoon » ناملىق ئۇرۇش ئايروپىلانى قاتناشتۇرۇلغان.