پۇتىن، ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ھالەت ئېلان قىلغانلىقىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۇكرائىنادا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىنىشىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1095666
پۇتىن، ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ھالەت ئېلان قىلغانلىقىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرېمىل سارىيى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پۇتىن بىلەن مېركېلنىڭ، كەرچ بوغۇزىدا رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئارىسىدا يۈز بەرگەن سۈركىلىش توغرىسىدا تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۇكرائىنانى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن پۇتىن، «ئۇكرائىنادا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقىدىن ۋە ئارمىيەنىڭ ئۇرۇشقا تەييار ھالەتكە ئۆتكۈزۈلۈشىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلماقتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

گېرمانىيەنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتىدە پۇتىن، «ئۇكرائىنانىڭ ئالدىراقسانلىق بىلەن قارارلارنى چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن گېرمانىيەنىڭ كىيېۋ دائىرىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇكرائىنا، قارادېڭىزدىكى كەرچ بوغۇزىغا يېقىن جايدا رۇسىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا قوراللىق مۇداخىلە قىلىشىدىن كېيىن تۈنۈگۈن كەچتە ھەربىي ھالەت ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر