ناتو ئازاك دېڭىزىدىكى سوغۇقچىلىق توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو، ئازاك دېڭىزىنىڭ كەرچ بوغۇزى ئەتراپىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تەرەپلەرنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى.

1095202
ناتو ئازاك دېڭىزىدىكى سوغۇقچىلىق توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باياناتچىسى ئوئانا لۇنگېسكۇ بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «ئازاك دېڭىزىنىڭ كەرچ بوغۇزى ئەتراپىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. ئۇكرائىنالىق ئەمەلدارلار بىلەنمۇ ئالاقىلىشىۋاتىمىز. سوغۇققان بولۇشقا، جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە چاقىرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى ۋە ناتونىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى شۇنداقلا دېڭىز تەۋەلىكىدىكى قاتناش ئەركىنلىكىنى كۈچلۈك شەكىلدە قوللايدىغانلىقلىرىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «رۇسىيەنى خەلقئارا قانۇننىڭ روھىغا ئاساسەن، ئازاك دېڭىزىدىكى ئۇكرائىنا پۇرتلىرىغا توسالغۇسىز بېرىشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشكە چاقىرىمىز» دېدى.

ئۇ، ناتو لىدېرلىرىنىڭ ئىيۇل ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىريۇسسېل باشلىقلار يىغىنىدا، ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقلىرىنى تەكرارلىغانلىقىنى، رۇسىيەنىڭ قىرىم، قارادېڭىز ۋە ئازاك دېڭىزىنى ھەربىيلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقىگە خەۋپ ياراتقانلىقى بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

ئازاك دېڭىزىدا رۇسىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ دۇقۇرۇشۇپ قالغانلىقى، رۇسىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رۇسىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا مۇداخىلە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر